قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا گۇرۇپپا بويىچە ساياھەت قىلىش باشلاندى


خىتاي ھۆكۈمەت ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە، ساياھەتچىلىك ساھەسىدىكى ئالاقىلارمۇ يېڭى باسقۇچقا كىرگەن. خىتاي ساياھەت شىركەتلىرى مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ قازاقىستاندا 8 كۈنلۈك كوللېكتىپ ساياھەت ئۇيۇشتۇرشقا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ساياھەت گۇرۇپپىلىرى تۇنجى قېتىم، 6 - ئاۋغۇست كۈنى ئۆزىنىڭ قازاقىستاندىكى سەككىز كۈنلۈك سايائەت پائالىيىتىنى باشلىغان.

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ يېزىشىچە، بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي ياشلار خەلقئارا ساياھەت ئىدارىسى، شىنجاڭ چوڭ غەربىي رايون خەلقئارا ساياھەت ئىدارىسى قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالغان 6 ساياھەت شىركىتى ئايرىم - يارىم ساياھەت گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ، 6 - 9 - ئاۋغۇست كۈنلىرىدىن ئېتىبارەن قازاقىستاننىڭ ئاستانا، ئالمۇتا ۋە باشقا جايلىرىدا ساياھەت ئېلىپ بارىدىكەن. بۇ قېتىم بىراقلا 300 گە يېقىن ئادەم ساياھەت ۋىزىسىغا ئېرىشكەن.

5 - ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدە خىتاي دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇجىياڭ ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ ھەم باشقا بىر قىسىم رەھبىرى شەخسلەر شۇنىڭدەك قازاقىستان تەرەپنىڭ ساياھەت ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارلىرى ۋە باشقا ۋەكىللەر قاتناشقان مەخسۇس مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن.