خىتاينىڭ ۋېي، جىن سۇلالىسى «قەدىمىي قەبرىستانلىقى» كۇچادا كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىنى « ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى» دېگەندىن ھالقىپ، «ئەزەلدىن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى» دېگەن نۇقتىغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك سەھنىلەرنى ياساشنى داۋام قىلماقتا.

«ئاقسۇ تاراتقۇ مەركىزى» نىڭ 11-مارت كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، كۇچا شەھىرىدە ياسالغان «ۋېي، جىن سۇلالىسى قەبرىستانلىقى خارابىلىكى مۇزېيى» 4-ئايدا كۆرگەزمىگە ئېچىلىدىكەن.

بۇ مۇزېي كۇچا دوستلۇق كوچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، 7 مېتىردىن 9 مېتىرغىچە چوڭقۇرلۇقتا قېزىلغان بۇ يەر ئاستى مۇزېيىنىڭ كەڭلىكى 5000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. خەۋەردىكى تەشۋىقاتتا، بۇ يەردىن تېپىلغان 15 قەبرىنىڭ جىن سۇلالىسى ۋە 16 دۆلەت دەۋرىگە تەۋە بىردىنبىر خىش قەبرە ئىكەنلىكى، بۇ قەبرىنىڭ شەكلى، دەپنە قىلىش ئۇسۇلى ۋە ھەمدەپنە بۇيۇملىرىنىڭ ئىچكىرى خىتاي بىلەن غەربىي دىيار ئوتتۇرىسىدىكى سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ قويۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغانلىقى دېيىلگەن. ئاخىرىدا ئۇنىڭ تەشۋىقات ئۈچۈن مۇھىملىقى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ: «بۇ قەبرىستانلىق جۇڭخۇا ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېيىلگەن.

ئۇيغۇر تارىخچىلىرى خەن سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئەلچى ئەۋەتكەنلىكىنى، ئەمما ۋېي، جىن سۇلالىسىگە ئوخشاش كىچىك، پارچە دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش تارىخىنىڭ يوقلۇقىنى قەيت قىلىپ كەلمەكتە. ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېتەكچى ئالىمى، تارىخشۇناس پىروفېسسور ئابلەت خوجايېفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي خەن دەۋرى ۋە باشقا دەۋرلەردە ئۇيغۇر ئېلىغا تاجاۋۇز قىلغان بولسىمۇ، ئەممە بۇ يەرنى مۇقىم باشقۇرالمىغان. بۇ جايدا ئۇنداق كۆپ خىتايلارمۇ ياشىمىغان.

خىتاينىڭ بۇنداق ساختا پاكىت ياساپ تارىخ ئويدۇرۇشى 2017-يىلدىن باشلاپ تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، مۇزېي قۇرۇلۇشى بۇنىڭ بىر تۈرى بولغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ يىل 4-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدە، بۈگۈر ناھىيەسىدىمۇ 5 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق «غەربىي دىيار تۇتۇق مەھكىمىسى مۇزېيى» قۇرۇلىدىغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.