ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزى شى جىنپىڭنى ئىلھام توختى قاتارلىق مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىش ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭنى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئۆكتىچى ئىلھام توختى، ژۇرنالىست گاۋ يۈ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو ۋە تۈرمىدىكى باشقا ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

قەلەمكەشلەر مەركىزى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە، خىتاينىڭ پىكىر ئەركىنلىك ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قەلەمكەشلەر مەركىزى باياناتىدا، تۈرمىدىكى يازغۇچى، ژۇرنالىستلارنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزلىرىنىڭ ئىپادە ۋە ئىجادىيەت ئەركىنلىكىنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئېغىر ئەھۋالغا قالدى. نۆۋەتتە بىز جۇڭگودا تۈرمىگە سولانغان ئاز دېگەندە 47 نەپەر يازغۇچى ۋە ژۇرنالىستنىڭ دېلوسىنى تۇرغۇزۇپ چىقتۇق. ئۇلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 8 يىل، بەزىلەر تېخىمۇ ئېغىر قاماققا بۇيرۇلغان. ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە مىكرو بلوگچى ئىلھام توختى 2014‏-يىلى 23‏-سېنتەبىر مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىندى. ئۇ توردا ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان مۇئامىلىگە ئۆزىنىڭ پىكرىنى يازغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئەھۋالغا قالدى» دېگەن.

قەلەمكەشلەر مەركىزى باياناتىنىڭ ئاخىرىدا شى جىنپىڭغا قارىتىپ مۇنداق دېگەن، «بىز، سىزنى ئۆزىنىڭ پىكرىنى يازغانلىقى ئۈچۈن جىنايەتچى سانىلىپ، تۈرمىگە تاشلانغان يازغۇچى، ژۇرنالىستلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئالاقە ۋە ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئەركىنلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىمىز.»