خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رامزان مەزگىلىدە يەنى 13-14-ئىيۇن كۈنلىرى قەشقەر شەھىرىدە خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام دىنىي تەتقىقات يىغىنى ئېچىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا «دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.
خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» 14-ئىيۇن مەزكۇر يىغىن ھەققىدە «جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى قەشقەردە ئاچقان يىغىندا ‹دىننىڭ ئىجابىي تەرىپىنى نامايان قىلىش، رادىكاللىق ئىدىيىسىدىن يىراق تۇرۇش› تەكىتلەندى» دېگەن تېمىدا خەۋەر بەردى. خەۋەردە ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ ئىسلام دىنىدىن پايدىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكىتلىنىپ، «ئاممىغا قارىتىلغان ئىسلام دىنى تەلىماتىدا ۋەتەنپەرۋەرلىكنى، ئىتتىپاقلىقنى، تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، دىنىي رادىكاللىقنىڭ مۇسۇلمان ئاممىسى ئارىسىدا يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش لازىم»لىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە بۇ قېتىم قەشقەردە ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى تەتقىقات يىغىنىدىكى يەنە بىر تېمىنىڭ ئىسلام دىنىدىكى «جىھاد ۋە ھىجرەت ھەققىدىكى تەبىرلەرنى، جۇڭگوچە ئىسلام دىنىدا تەكىتلىنىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي ئېتىقاد ئىدىيىسىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈش، خىتاي دۆلەت قانۇنى بىلەن دىننىڭ قانۇنىي مۇناسىۋىتىنى توغرا چۈشىنىش» تەلەپ قىلىنغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە ۋە خرىستىئان، فالۇن ئەقىدىسىدىكىلەرگە قارىتىلغان دىنىي چەكلىمىلىرى خەلقئارادا تەنقىدلەنبمەكتە. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقادىغا قارىتىلغان چەكلىمىلەر كۈچەيتىلىپ، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھىجاپلىنىشى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى قاتارلىقلار چەكلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن قوزغالغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ «دىنىي رادىكاللىق، تېررورلۇق» بىلەن باغلىنىپ، باستۇرۇشقا ئۇچرىشى خەلقئارا دىنىي جەمئىيەتلەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئىدى.
