قەشقەر بىلەن خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرى ئارىسىدا بىۋاسىتە ئايروپىلان ئۇچۇشى باشلانغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2023.08.16

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە باغلاشنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قاتناش-تىرانسپورت ئىشلىرىغا زور مەبلەغ سېلىۋاتاتتى. مانا بۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە 15-ئاۋغۇست كۈنىدىن ئېتىبارەن قەشقەر بىلەن خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرى ئارىسىدا بىۋاسىتە نۆۋەتچى ئايروپىلان رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇسى خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىم ئېچىلغان قەشقەر-گۇاڭجۇ بىۋاسىتە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئىككى جاينىڭ ئۇچۇش ۋاقتى 6.5 سائەتكە قىسقارتىلغان.

ھەپتىدە 3 كۈن يولغا قويۇلىدىغان بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلان خىتاي ئىچىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىۋاسىتە ئۇچۇش لىنىيەسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن باستۇرۇش نىشانى قىلىش بىلەن تەڭ قەدەمدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە بىۋاسىتە باغلايدىغان ھاۋا يولى، تۆمۈر يولى ۋە تاشيول قۇرۇلۇشىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىشى گۇمان قوزغاپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2040-يىلىغا بارغاندا تارىم ۋادىسىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نوپۇس نىسبىتىنى ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭلەشتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايلاردىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلاشنى زور بىر قۇرۇلۇش سۈپىتىدە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

خىتاي خەۋەرلەر تورى بولسا خەۋىرىدە مەزكۇر لىنىيەنىڭ گۇاڭدۇڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆرسىتىۋاتقان ياردىمىدىكى مۇھىم تەدبىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ‹ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش› ئىستراتېگىيەسى بويىچە ئۇيغۇر ئېلى بىلەن گۇاڭدۇڭ-خوڭكوڭنى تېخىمۇ ياخشى باغلاش ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.