ياۋروپا پارلامېنتىدا قەشقەر-گۋادار كارىدورىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئېكولوگىيەلىك تەسىرى مۇزاكىرە قىلىندى

9-‏نويابىر ياۋروپا پارلامېنتىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادى كارىدورىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئېكولوگىيە تەسىرى مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ يىغىن ۋاكالەتسىز مىللەت-خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بەزى لىبېرال پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىندا نۇقتىلىق قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادى كارىدورىنىڭ گىلگىت-بالتىستان قاتارلىق رايونلاردىكى يەرلىك خەلقلەرگە كۆرسىتىۋاتقان ئېكولوگىيەلىك، كىشىلىك ھوقۇق تەسىرى مۇزاكىرە قىلىنغان. يىغىندا ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى جوسېف مارىيا تېرىكابراس: «قاتتىق نازۇك تېمىلار بەزىدە كىشىلەرنى بىئارام قىلسىمۇ، ئەمما قانۇنلۇق تەلەپلەر چوقۇم ئوچۇق-ئاشكارا، دېموكراتىك ئاساستا ھەل قىلىنىشى كېرەك» دېگەن.

قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادى كارىدورى خىتاي-پاكىستان ھەمكارلىقىدىكى ئورتاق يىپەك يولى قۇرۇلۇشى بولۇپ، خىتاي مەزكۇر قۇرۇلۇشقا 46 مىليارد دوللارمەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەرگەن. مەزكۇر پىلان قەشقەر بىلەن پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىنى ئۆز ‏-ئارا تۆمۈر يول، ھاۋا، تاش يول ئارقىلىق باغلاشنى نىشان قىلغان.

ئەمما بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇرلاردىن باشقا بالۇجىستان، گىلگىت-بالتىستان يەرلىك خەلقلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، گىلگىت-بالتىستان ۋە بالۇجىستانلىق ئۆكتىچىلەر، بۇ قۇرۇلۇشتا يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتى نەزەرگە ئېلىنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.

يىغىندا ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مارىنو بۇستاچىن، گىلگىت-بالتىستاندا كىشىلىك ھوقۇق، ئېكولوگىيەلىك ۋەزىيەتنىڭ تېز ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ،، «بۇ ئەھۋال پات يېقىندا خەلقئارا جەمئىيەت پەرەز قىلىپ يىتەلمەيدىغان بىر پەللىگە چىقىشى مۇمكىن» دېگەن.