7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىدىن قەشقەر شەھىرى بىلەن خوڭكوڭ ئارىسىدا بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشى يولغا قويۇلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1-ئىيۇل كۈنى قەشقەر لەينىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن تۇنجى يولۇچىلار ئايروپىلانى خوڭكوڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ئۇچقان. بۇ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبىدىن خىتاي غەرب ئەللىرىنىڭ ئېمبارگوسى ياكى بايقۇت قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ مەزكۇر رايوننى خەلقئاراغا تېخىمۇ كەڭ ئېچىش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرى مەملىكەت مىقياسىدىكى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇم قامالىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىگە سېلىۋاتقان سېلىنمىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان، رايوننى سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن ئىدى.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1-ئىيۇل كۈنى باشلانغان قەشقەر بىلەن خوڭكوڭ ئارىسىدىكى بىۋاسىتە يولۇچىلار ھاۋا قاتنىشى، قەشقەردىن خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خوڭكوڭ، ماكاۋ، تەيۋەن رايونىغا ئېچىلغان تۇنجى بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە قەشقەر بىلەن گۇاڭجۇ، قەشقەر بىلەن شېنجېندىن كېيىنكى قەشقەردىن گۇاڭدۇڭ، ماكاۋ، خوڭكوڭ رايونىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان 3-ھاۋا يولى لىنىيەسى ئىكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، قەشقەر-خوڭكوڭ ئارىسىدىكى يېڭى ھاۋا قاتنىشى قەشقەر بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى چوڭ قولتۇق رايونى بىلەن بولغان ھاۋا قاتنىشى تورىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 2027-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدىن بېرى، مەزكۇر رايوننى خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەر بىلەن تۆمۈريول، ھاۋا قاتنىشى ئارقىلىق تورلاشتۇرۇپ، نوپۇس ۋە مەبلەغنىڭ بۇ رايونغا ئېقىشىنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرگەن. ھالبۇكى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى رايوندا تېخىمۇ ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشى، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ قاتتىق يەكلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، غەرب ئەللىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان جازا ۋە بايقۇتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلماقتا. «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەردىن خوڭكوڭغا ئۇچىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانى ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى سەھەردە يولغا چىقىپ، شۇ كۈنى چۈشتىن يەنە قەشقەرگە قايتىپ كېلىدىكەن.