ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي جازا چەكلىمىسى خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق مال چىقىرىشنى كۆپەيتىشكە مەجبۇرلىغان بولۇپ، 2024-يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە خىتاينىڭ ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان ئارقىلىق ماڭدۇرغان مېلى بىر ھەسسە كۆپەيگەن.
قىرغىزىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ 100 يۈك پويىزىنى قەشقەرگە، ئاندىن باشقا دۆلەتلەرگە ماڭدۇرغان. بۇ، ئۆتكەن يىل ماڭدۇرغان پويىزدىن 51 سى ئارتۇق بولۇپ، ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 104 پىرسەنت ئاشقان. تۆمۈر يول ئارقىلىق قەشقەرگە توشۇلغان مال 100 مىڭ توننىغا يەتكەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 53 مىڭ توننا ئاشقان.
«شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ بۇ يىل 3-ئايدا بەرگەن خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2024-يىلدىكى تاشقى سودىسىنىڭ ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 51 پىرسەنتتىن كۆپرەك ئاشقانلىقى، بۇنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەت بىلەن بولغان سودىدىن كەلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغانىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ تاشقى سودا پائالىيەتلىرى ھەر تۈرلۈك چەكلىمە ۋە جازا تەدبىرلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ئۈچۈن مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە تاشقى سودا دەرۋازىسى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ قەشقەر قاتارلىق جايلاردا قۇرغان «ئەركىن سودا سىناق رايونى» مۇ خىتاينىڭ پاكىستان ئارقىلىق دېڭىز يولى سودىسىنى ئېچىش، ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ياۋروپا بازىرىنى ئېچىش نىشانىنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى. ئەمما خىتاينىڭ شۇنىڭغا ماس ھالدا، ئۇيغۇرلارنى قۇل ئەمگىكىگە سېلىشنى يېڭىچە شەكىللەردە داۋام قىلدۇرۇۋاتقانلىقى ئادرىيان زېنىز قاتارلىق تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە.