خىتاي دائىرىلىرى ئەيىبلەشلەرگە قارىماي قەشقەردە ساياھەتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق» نى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدا ساياھەتنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇردى دەپ قاراپ، ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلغانىدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرگە توختىماي مەبلەغ سېلىپ، سۈنئىي قەدىمىي شەھەر، سودا-بازار ۋە كۆرگەزمە مەركەزلىرىنى قۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان.

«شىنجاڭ كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قەشقەر خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىكى يولۇچىلار سانى 12 مىڭغا، ئۇچۇش قېتىم سانى 102 گە يەتكەن. 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، قەشقەر خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ كۈندىلىك ئۇچۇش سانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم 100 دىن ئېشىپ، 103 ئايروپىلانغا يەتكەن.

مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، قەشقەر خەلقئارا ئايرودۇرۇمى خىتاي بويىچە 56 لىنىيەلىك، خەلقئارا بويىچە بىر لىنىيەلىك قىلىپ لايىھەلەنگەن. 2024-يىلى قەشقەر-ۋۇخەن لىنىيەسى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، قەشقەردىن ۋۇخەنگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئايروپىلان 12سائەتتىن 6 سائەتكە چۈشۈرۈلگەن.

يېقىندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا ساياھەت شىركەتلىرى ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەت تەشكىللىسە يەرلىك ئۇيغۇرلارغا قىلچە پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ بۇ ۋەزىيەتنى نورمال كۆرسىتىشىگە ۋە جىنايىتىنى يوشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىغا ساياھەت تەشكىللەشنى توختىتىشقا چاقىرغانىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىدىن كىرىس سىمىس ۋە جېف مېركلى يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېنگە خەت ئەۋەتىپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ساياھەتكە بېرىشىنى چەكلىشىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىي جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يولغا قۇيۇۋاتقان ساياھەتچىلىك تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانماسلىقىنى تەلەپ قىلغانىدى.