ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى شەھىرى قەشقەر بىلەن ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت ئارىسىدا 2-ئاپرېلدىن باشلاپ رەسمىي يۈك پويىزى قاتنىشى باشلانغان. لېكىن بۇ يۈك پويىزى قاتنىشى قىرغىزىستان ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس ئېغىزى ئارقىلىق قازاقىستاننى ئايلىنىپ ماڭىدىكەن. يۈك پويىزى قاتنىشىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈينىڭ ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا باشلىنىشى دىققەت قوزغىدى.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ما شىڭرۈينىڭ زىيارەتتە قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى، بولۇپمۇ قەشقەر-تاشكەنت ئارىسىدىكى خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى تېزرەك ئىشقا ئاشۇرۇشنى نۇقتىلىق تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىنغانىدى.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2-ئاپرېل كۈنى قەشقەر تۆمۈريولىنىڭ يۈك بېسىش مەركىزىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، 50 كونتېنىر رەخت بېسىلغان يۈك پويىزى تاشكەنتكە قاراپ يولغا چىققان. خەۋەردە، بۇ يۈك پويىزىنىڭ قورغاس ئېغىزى ئارقىلىق قازاقىستاندىن ئۆتۈپ تاشكەنتكە يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن 4500 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈدىغانلىقى، ئۇنىڭ 12 كۈندە تاشكەنتكە يېتىپ بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن مەزكۇر پويىز يولى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئېكسپورت قىلىپ، بۇ خىل سىستېمىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملىشىشىغا يول ئېچىشى مۇمكىن، دېگەن ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.
ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور شيا مىڭغا ئوخشاش بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىشىدىن كېيىن، خىتاينىڭ بۇ مەھسۇلاتلارنى «بىر بەلۋاغ بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشنىڭ پېشىغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا قەشقەردىن «بىر بەلۋاغ بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرگە 8 مىليارد 750 مىليون يۈەنلىك مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىنىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 68.8 پىرسەنت ئاشقانىكەن.
