قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە بايقالغان تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمى داۋاملىق كۆپەيمەكتە. 5-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدا 4-نويابىر سائەت 0:00 دىن 24:00 گىچە يېڭىدىن دىياگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچىنى 8 نەپەر، كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچى 2 نەپەر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كوناشەھەر ناھىيەسىدە دەپ ئېلان قىلدى.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ھازىر ئومۇمىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ۋىرۇس يۇقۇمدارى 72 نەپەر، ئالامەتسىز يۇقۇمدارلار 339 نەپەر بولغان. ئالامەتسىز يۇقۇمدارلارنىڭ 324 نەپىرى قەشقەر ۋىلايىتىدىن، 15 نەپىرى قىزىلسۇ ئوبلاستىدا ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمى ھەققىدە ھەقىقىي ساننى يوشۇرۇشى تۈپەيلىدىن ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقىي كۆلىمى يەنىلا مۇجىمەل تۇرماقتا.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 1-يانۋار كۈنى قەشقەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر مەخسۇس يىغىن چاقىرىلغان بولۇپ بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگو، خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ شۆجۈنلار قاتنىشىپ، يۇقۇمنى قەتئىي كونترول قىلىشنى تەكىتلىگەن. ئۇلار: «يۇقۇمنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك؛ دوختۇرخانا ئىچىدە گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك؛ نۇقتىلىق سورۇن ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىدا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك،» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.
كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئېلان قىلىنغاندىن كۆپ يۇقىرىلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.