7-ئاينىڭ 5-كۈنى دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 15 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى 4-ئىيۇلدىن 6-ئىيۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلغان بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە تەييارلىق قىلماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېقىندا ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارغا ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا، 5-ئىيۇل كۈنى جەنۋەگە يىغىلىپ ب د ت بىناسىنىڭ ئالدىدا بۇ قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش؛ ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ۋە خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشنى چاقىرغان.
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى قاتارلىق ئامېرىكادىكى تەشكىلاتلار 5-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، ئاقساراي ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەشنى چاقىرىق قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەردە، شۇنىڭدەك ياپونىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ نامايىش قىلىش، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، ئاخبارات ئېلان قىلىش قاتارلىق شەكىللەردىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى يۈز بەرگەن «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ شۇ يىلى 26-ئىيۇن كۈنى خىتايلارنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۈەن شەھىرى «شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتى» دا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاز دېگەندە بىر قانچىلىغان ئۇيغۇرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىغا يىغىلىپ، «شاۋگۈەن ۋەقەسى» گە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى قوراللىق باستۇرغان. باستۇرۇش ناھايىتى تېزلا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىدىكى توقۇنۇشقا ئايلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى قىرغىنچىلىقتا 200 گە يېقىن ئادەم ئۆلگەنلىكى، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ غايىب بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، قىرغىنچىلىق جەريانىدا ۋە قىرغىنچىلىقتىن كېيىنكى تۇتقۇندا ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنغان ياكى ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىپ باقمىدى.
