مايكىل سوبولىك: «قىرغىنچىلىق زور كۆلەملىك قىرغىنسىزمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ!»

ئامېرىكا تاشقى سىياسەت كېڭىشى (AFPC) نىڭ تەتقىقاتچىسى مايكىل سوبولىك (Michael Sobolik) نىڭ يېقىندا نەشردىن چىققان «خىتاينىڭ چوڭ دۆلەت ئويۇنىغا تاقابىل تۇرۇش» تېمىسىدىكى ناملىق ئەسىرى «سىياسەت ساھەسىدىكى ھەرقانداق كىشى جەزمەن ئوقۇپ چىقىشقا تېگىشلىك بىر كىتاب» دەپ باھالانغان ئىدى. ھالبۇكى چەتئەللىكلەرنىڭ خىتاينى چۈشىنىشىدىكى ئەڭ ئاممىباب ئوقۇشلۇق، دەپ قارىلىۋاتقان بۇ ئەسەر نەشردىن چىقىش بىلەنلا خىتايلار ۋە خىتايپەرەس چەتئەللىك «مۇتەخەسسىسلەر» نىڭ مايكىل سوبولىكنى نىشان قىلغان تۈرلۈك ھۇجۇملىرى تېزدىن ئەۋج ئالغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئاساسلىق مۇنبەر قىلغان زەھەرخەندىلەرچە ھۇجۇملار ئىچىدە بەزىلەر مايكىل سوبولىكنىڭ شەخسىيىتىگە ئائىت تۆھمەتلەرنى تۆكمە قىلغان بولسا، يەنە بەزىلەر ئۇنى «يالغانچى» دەپ ئەيىبلىگەن. شۇلار قاتارىدا بېيجىڭدىكى «سىياسىي ئانالىزچى» ئاندىي موك (Andy Mok) بۇ ھەقتە توختىلىپ «سىز ئېيتىۋاتقان ‹يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقىدىن بۇيانقى ئەڭ قەبىھ قىرغىنچىلىق›نىڭ نېمە ئىكەنلىكى مېنى گاڭگىرىتىپ قويۇۋاتىدۇ. دېمىسىمۇ قىزىق، ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ جەسىتى بولمايدىغان بۇ قانداق ‹قىرغىنچىلىق›؟» دەپ سوئال قويغان.

مايكىل سوبولىك بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر X (يەنى بۇرۇنقى تىۋېتتېر) نى مەنئى قىلغان تۇرۇپ، بۇ مۇنبەرنى سەھنە قىلغان ھالدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پەردازلايدىغان يازمىلارنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ» دېگەن. شۇنىڭدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ «قىرغىنچىلىق» ھەققىدىكى تەبىرىدە تىلغا ئېلىنغان «غەرەزلىك ھالدا بىر مىللەتنى ياكى دىنىي جامائەتنى تولۇق ياكى قىسمەن ھالدا يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش، مەلۇم بىر مىللەتكە جىسمانىي ياكى روھىي زەخمەت يەتكۈزۈش، مەلۇم بىر مىللەتنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنى غەرەزلىك ھالدا چەكلەش، مەلۇم بىر مىللەتكە مەنسۇپ بولغان بالىلارنى ئائىلە جۇدالىقى ۋاسىتىسىدە باشقا بىر مىللەت قىلىپ ئۆزگەرتىش» قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەسكەرتىدۇ.

ئۇ بۇ ھەقتىكى قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە «خىتاي ھازىر زور كۆلەملىك ئادەم ئۆلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرمايلا ئاشۇ خىل شەكىلدە قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ ھازىرقى مىنۇتلاردا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭدا داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقتۇر» دەيدۇ.