سابىق قىرغىز باش مىنىستىرنىڭ ئوغلى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن سوتلانغان
ئەركىن ياۋروپا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 17-ماي كۈنى بىشكەك بىرىنچى ماي رايونلۇق سوت مەھكىمىسى قىرغىزىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرىنىڭ ئوغلى ئالتىنبەك مۇرالىۋنى چەتئەلگە جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ 12 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان.
-
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-05-23 -
-
-
ئەركىن ياۋروپا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 17-ماي كۈنى بىشكەك بىرىنچى ماي رايونلۇق سوت مەھكىمىسى قىرغىزىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرىنىڭ ئوغلى ئالتىنبەك مۇرالىۋنى چەتئەلگە جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ 12 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان.
رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالتىنبەك مۇرالىۋ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئالتىنبەك مۇرالىۋ قىرغىزىستاننىڭ 1999-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن سابىق باش مىنىستىرى ئامانگەلدى مۇرالىۋنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ 2014-يىلى نويابىردا قولغا ئېلىنغاندا قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى ئىكەن.
خەۋەرلەردە ئالتىنبەك مۇرالىۋنىڭ خىتايغا قانداق مەخپىي ماتېرىياللارنى يوللىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان، پەقەت قىرغىزىستاننىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەن چېگرىداش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئالاقىدار سوت باياناتچىسى ئاينۇرا توختايىۋانىڭ مۇخبىرلارغا بايان قىلىشىچە مەزكۇر سوت مەخپىي شەكىلدە ئېچىلغان.