قىرغىزىستاندا ساقچىلار بىلەن نامايىشچى ئامما ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.05.31

قىرغىزىستاننىڭ قۇمتور ئالتۇن كېنىدىكى ئىشچىلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان. ھۆكۈمەت تەرەپ ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا 50 نەچچە ئادەم يارىلانغانلىقى، 80 نەچچە ئادەم قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قۇمتور ئالتۇن كېنىدا پارتلىغان نارازىلىق ھەرىكىتى يەنە جالالئاباد شەھىرىگە كېڭىيىپ، نەچچە يۈز نامايىشچى ئوبلاست باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا باستۇرۇپ كىرگەن.

قۇمتور ئالتۇن كېنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى سېنتېررا ئالتۇنچىلىق شىركىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، مەزكۇر كان قىرغىزىستاننىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

نامايىشچىلار ئالتۇن كاننى دۆلەت ئىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ۋە كان ئىشچىلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىپ، پەيشەنبە كۈنى نامايىش قىلغان.

قىرغىز ئاخباراتى نامايىشنىڭ تەرەققىي قىلىپ، جۈمە كۈنى توقۇنۇشقا ئايلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. پەيشەنبە كۈنى نەچچە يۈز قىرغىز نامايىشچى تامغا يېزىسىدىكى توك تارقىتىش ئورنىغا بېسىپ كىرىپ، كاننىڭ توكىنى ئۈزۈپ تاشلىغان.

جۈمە كۈنى نامايىشچىلار كان ئىشخانىسىغا بېسىپ كىرمەكچى بولغاندا، ساقچىلار رېزىنكە ئوق قاتارلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ، 2000 دەك نامايىشچىنى تارقىتىۋەتكەن. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت ئالماسبېك ئاتامبايېۋ توقۇنۇشنىڭ كېڭىيىپ، سىياسىي مالىمانچىلىققا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، دەرھال جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان.

قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەربىي قىسىملارنى يۆتكەپ كېلىپ، بەزى ھالقىلىق ئورۇنلارنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قىرغىزىستان ئاخباراتى، جالائابدتىكى مالىمانچىلىقنى ھۆكۈمەتكە قارشى بەزى كۈچلەر ئۇيۇشتۇرغان بولۇشى ئېھتىمال، دەپ گۇمان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.