قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستان چېگرادىكى جىددىيلىكنى قانداق پەسەيتىشنى مۇزاكىرە قىلدى
قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ئۆزبېكىستان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، چېگرادىكى جىددىيلىكنى قانداق پەسەيتىشنى مۇزاكىرە قىلغان.
-
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-03-25 -
-
-
قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ئۆزبېكىستان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، چېگرادىكى جىددىيلىكنى قانداق پەسەيتىشنى مۇزاكىرە قىلغان. قىرغىزىستان چېگرا باشقۇرۇش دائىرىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، سۆھبەت ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ چېگرا ۋەزىيىتى ئۆزبېكىستاننىڭ 18-فېۋرال ئىختىلاپتىكى چېگرا بويلىرىغا قوراللىق ئۇرۇش ئاپتوموبىلى، 40 كىشىلىك قوراللىق ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كەسكىنلىشىپ كەتكەن. قىرغىزىستان بۇنىڭغا قارشى چېگراغا قوراللىق ئۇرۇش ئاپتوموبىلى ۋە ئەسكەر يۆتكىگەن.
ئىككى تەرەپ بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا قىسمەن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما 1400 كىلومېتىرلىق ئۆزبېك-قىرغىز چېگراسىنىڭ قوزۇق قېقىلمىغان 300 كىلومېتىرلىق لىنىيەسىدە ھەر ۋاقىت قوراللىق توقۇنۇش پارتلاش خەۋپى يوقالمىغان.
چېگرا ۋەزىيىتى رۇسىيە باشچىلىقىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسىگە ئەزا دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويغان. مەزكۇر ھەربىي تەشكىلات ئۆزىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپىنى دەرھال تاشكەنت بىلەن بىشكەككە ئەۋەتكەن ئىدى.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايېف پەيشەنبە كۈنى، ئەگەر ۋەزىيەت ئوڭشالمىسا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىل 6-ئايدا چاقىرىلىدىغان تاشكەنت يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.