قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى 27-دېكابىر كۈنى جالالئاباد شەھىرىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كېچىكىپ كەلگەن قەشقەر-پەرغانە تۆمۈريولىنىڭ قىرغىزىستاندىن ئۆتىدىغان بۆلىكىنىڭ قۇرۇلۇشىنى رەسمىي باشلىغان. قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروف 27-دېكابىر جالالئاباد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن قىرغىزىستان ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرىدىغان بۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا قاتتىق قىزىقسىمۇ، ئەمما قىرغىزىستان ئۇزۇن يىللاردىن بېرى گېئو-سىياسى، مەبلەغ ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن بۇ قۇرۇلۇشنى كېچىكتۈرۈپ كەلگەن. بولۇپمۇ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ قىرغىزىستاندىن ئۆتىدىغان 305 كىلومېتىرلىق قىسمىغا كېتىدىغان مەبلەغ، تاشقى قەرزگە بوغۇلغان قىرغىزىستان ئۈچۈن بىر مەسىلە بولۇپ قالغان.
نۆۋەتتە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشنى تەستىقلىشىغا قانداق كاپالەتلەرنىڭ بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ قىرغىزىستاننىڭ تاشقى قەرزىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، خىتايغا تېخىمۇ ئېغىر قەرزگە بوغۇلۇشى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىنىپ كەلگەن. نۇرغۇن تەنقىدچىلەر بۇ تۆمۈريول قىرغىزىستانغا مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە ئارتۇقچە قەرز يۈكى ئېلىپ كېلىشتىن باشقا، ھېچقانداق ئىقتىسادىي پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروف مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، «بۇ تۆمۈريول قىرغىزىستاننى، ئاندىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يېقىن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى، جۈملىدىن تۈركىيە ھەتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى مال بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەردىن ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىگىچە بولغان بۇ تۆمۈريولنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 523 كىلومېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلى چېگراسى ئىچىدىكى بۆلىكى 155 كىلومېتىر، ئۆزبېكىستان چېگراسى ئىچىدىكى بۆلىكى 63 كىلومېتىر كېلىدىكەن. ئۇنىڭ قىرغىزىستان چېگراسى ئىچىدىكى 305 كىلومېتىرلىق قىسمىدا 27 تونېل ۋە 46 كۆۋرۈك ياسىلىدىكەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە قىرغىزىستان دائىرىلىرى بۇنىڭغا 8 مىليارد دوللار مەبلەغ كېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا ئىكەن.