تۈركىيە قىرغىزىستاننى «گۈلەنچىلەر» نىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىش خەۋپى توغرىلىق ئاگاھلاندۇرغان

تۈركىيە ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستاننى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تۈرك ئۆلىما، «نۇرچىلار» ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىش خەۋپى توغرىلىق ئاگاھلاندۇرغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە «گۈلەنچىلەر» نىڭ قىرغىزىستان دۆلەت ئورگانلىرىغا سىڭىپ كىرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تۈرك ھۆكۈمىتى تۈركىيەدە 15‏-ئىيۇل يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشنى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قوزغىغانلىقىنى، مەقسىتى پرېزىدېنت ئەردوغاننى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكىدىن فەتھۇللاھ گۈلەننى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان. لېكىن ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ دەلىل كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە قىرغىزىستاننى گۈلەنچىلەرگە قارشى كەسكىن تەدبىر ئالمىدى، دەپ تەنقىد قىلغان.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ پەيشەنبە كۈنى س ن ن تۈرك قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، «قىرغىزىستاندا، مەسىلەن، ھەربىي ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر قىرغىزىستاندا ھەربىي ئۆزگىرىش بولسا، ئۇنى فەتھۇللاھ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئېلىپ بارىدۇ» دېگەن.

تۈرك ھۆكۈمىتى گۈلەنچىلەر ھەرىكىتىنىڭ بىر «تېررورلۇق تەشكىلات» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، لېكىن قىرغىزىستاننىڭ مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باشقا بىر دۆلەتكە «ئۇنداق قىل -مۇنداق قىل دېيىشى توغرا ئەمەس» لىكىنى تەكىتلىگەن.