5-فېۋرال كۈنى، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروف خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروف شى جىنپىڭ بىلەن خەلق سارىيىدا كۆرۈشكەندە، خىتاينىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي، قىرغىزىستاننىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە ھەمراھى. قىرغىزىستان تەيۋەن بىلەن شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەمدە خوڭكوڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ۋە باشقا مەسىلىلەردە خىتاينى داۋاملىق قوللايدۇ.»
سادىر جاپپاروف سۆزىدە يەنە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە «خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى» غا مۇناسىۋەتلىك ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسىنى ئىپادە قىلغان.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدىكى مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا، قىرغىزىستان خىتاي بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمدە خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى؛ رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ھەم مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغداشنى خالايدۇ.»
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» قۇرۇلغان 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئاتالمىش «تېررورلۇق ۋە ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى قوللاپ كەلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنىمۇ جىددىي ئاشۇرماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىلەن قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جاپپاروف 5-فېۋرال كۈنىدىكى سۆھبەتتىن كېيىن، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى» غا ئىمزا قويغان ھەمدە يەنە «بىر بەلباغ بىر يول» ھەمكارلىق پىلانى، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، سودا، دېھقانچىلىق ۋە باشقا ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ھەمكارلىق توختاملىرىنى ئىمزالىغان.