ئاپتوموبىل ھۇجۇمىدىن كېيىن، خىتاي قىرغىزىستاندىكى پۇقرالىرىنى تالا-تۈزگە ئاز چىقىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

30-ئاۋغۇست خىتاينىڭ بىشكەكتىكى ئەلچىخانىسى ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 31-ئاۋغۇست تور بېتىدە قىسقا بىر بايانات ئېلان قىلىپ، قىرغىزىستاننى ئۇ يەردىكى خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداشقا ۋە ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنى سوتلاشقا چاقىردى.

باياناتتا قىرغىزىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرى ئادەم توپلاشقان جايلارغا بارماسلىق ۋە تالا-تۈزگە ئاز چىقىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان. باياناتتا قىرغىزىستانغا چىقىش تەييارلىقىدىكى خىتاي پۇقرالىرىدىنمۇ خىتاب قىلىنىپ، ھوشيار بولۇش ۋە مۇداپىئە ھالىتىدە تۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

رويتىرىسنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، قىرغىز دائىرىلىرىنىڭ بۇرۇنمۇ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن قوراللىق كۈچ گۇماندارلىرىنى تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقى، تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ بولسا ئىستانبۇلدا ئايرودرومغا ھۇجۇم قىلغان تېررورچىلارنىڭ ئىچىدە قىرغىز ۋەتەندىشى بارلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەرنىڭ ئاخىرىدا خىتايغا قارشى تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ ئاكتىپ دەپ قارىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.