قىرغىزىستاندا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان خىتاي ئەلچىخانىسى تېخىچە ئاقساق ھالەتتە

قىرغىزىستان ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 30-ئاۋغۇست كۈنى ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان خىتاينىڭ قىرغىزىستان ئەلچىخانىسى، ئارىدىن ئىككى ھەپتە ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ خىزمەت تەرتىپى تېخىچىلا نورمال ھالغا كەلمىگەن.

قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ئازىمەت ھۈسەنوفنىڭ ئاخباراتقا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى نۆۋەتتە تولۇق كۈن ئىشلەش ۋە زىيارەتچى قوبۇل قىلىش شارائىتىدىن مەھرۇم ئىكەن.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئەلچىخانا نورمال خىزمەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، خىتايدا ئوقۇيدىغان 300 ئەتراپىدىكى قىرغىز ئوقۇغۇچى خىتايغا ۋىزا ئالالمىغان. قىرغىز ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا ۋاقتىدا يولغا سېلىش ئۈچۈن مەزكۇر مىنىستىرلىق خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئىككى قېتىم ئىلتىماس سۇنغان.

ئەلچىخانا بۇ ئىلتىماسقا قارىتا جاۋابىدا مەتبەئە ماشىنىسى زەخىملەنگەن بولغاچقا ئۆزلىرىنىڭ ۋىزا بېسىپ چىقىرىشىغا مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. قىرغىز مىنىستىر ئازىمەت ھۈسەنوف قىرغىز ئوقۇغۇچىلىرى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى دۇچ كەلگەن بۇ قىيىنچىلىقنى قىرغىزىستاننىڭ بۈگۈنكى پارلامېنت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاينىڭ قىرغىزىستان ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمەت تەرتىپىنى بۇزۇپ تاشلىغان 30-ئاۋغۇست ئادەم بومبا ھۇجۇمىنىڭ ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى قىرغىز دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا جامائەت بۇ خۇلاسىنىڭ قانائەتلىنەرلىك دەلىللىرىنى كۈتمەكتە.