قىرغىزىستان «ئۇيغۇر ئىتتىپاقى جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى قولغا ئېلىنغان

قىرغىزىستان «ئۇيغۇر ئىتتىپاقى جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى، بىشكەكتىكى «مەدىنە بازىرى» نىڭ خوجايىنى، قىرغىزىستان پارلامېنتى يۇقىرى كېڭىشىنىڭ سابىق ئەزاسى تۇرسۇنتاي سەلىموف 9-ئۆكتەبىر كۈنى قىرغىزىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. تۇرسۇنتاي سەلىموفنىڭ 7-ئۆكتەبىر كۈنى قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 9-ئۆكتەبىر كۈنى بىشكەكنىڭ پېرۋومايىسكىي رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلغانلىقى ۋە سوتنىڭ ئۇنى بۇ يىل 9-دېكابىر كۈنى كېيىنكى باسقۇچلۇق سوتى ئېچىلغۇچە تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. تۇرسۇنتاي سەلىموفنىڭ تۇيۇقسىز قولغا ئېلىشىنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتى ۋە ئەندىشىنى قوزغىدى. تۇرسۇنتاي سەلىموفنىڭ تېخى بۇ يىل 3-ئايدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىردىن-بىر قانۇنلۇق ئاممىۋى تەشكىلاتى بولغان «ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ 6 ئايدىن كېيىن تۇيۇقسىز قولغا ئېلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا.

لېكىن قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ 10-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، تۇرسۇنتاي سەلىموف قىرغىزىستان جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 261-ماددىسى بويىچە «تەشكىللىك گۇرۇھ قۇرۇش ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان. دائىرىلەر تۇرسۇنتاي سەلىموفنى قولغا ئېلىشتا ئۇنى 4-ئۆكتەبىر كۈنى قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى خادىملىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن قىرغىزىستاندىكى داڭلىق «قارا قوللار گۇرۇھى» نىڭ ئاتامانى قامچىبېك كولبايېفقا چاتقان.

لېكىن تۇرسۇنتاي سەلىموف 9-ئۆكتەبىر بىشكەك پېرۋومايىسكىي رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلغاندا ئۇنىڭغا ئارتىلغان بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان. تۇرسۇنتاي سەلىموف، ئۆزىنىڭ قامچىبېك كولبايېف بىلەن بىر مەھەللىدە قوشنا ئولتۇرىدىغانلىقى، قامچىبېكنى كۆرگەنلىكى، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى بىر مۇناسىۋىتى يوقلىغىنى ئېيتقان. تۇرسۇنتاي سالىموفنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇنىڭ قامچىبېك كولبايېف بىلەن «ھېچقانداق بىر ئورتاق نۇقتىسى يوق» ئىكەن. نۆۋەتتە، تۇرسۇنتاي سەلىموفنىڭ خىتاي-قىرغىزىستان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنى 26-ئۆكتەبىر كۈنى بىشكەك شەھەرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن خاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە بۇرالغان بىر پەيتتە قولغا ئېلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا.