قىرغىزىستان يېقىندا خىتاي بىلەن قىرغىزىستاندا يېشىل ئېنېرگىيە لايىھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كۆمۈر كان چېقىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان. ئازادلىق رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كېلىشىملەر قىرغىزىستاننى ئۇنىڭ تاشقى قەرزىنىڭ 40 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان خىتايغا تېخىمۇ موھتاج قىلىپ، ئۇنىڭ خىتاي قەرز پاتقىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر پېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش مىنىستىرلىرى يىغىنى 25-ئۆكتەبىر بىشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، يىغىندا خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ قاتناشقان. بۇ كېلىشىملەرنىڭ لى چياڭ بىشكەكنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە ئىمزالانغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، قىممىتى بىر مىليارد دوللارلىق 29 خىل كېلىشىم قىرغىزىستاننىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەن بولغان چېگراسىدىكى 6 ئورۇندا كۆمۈر كانى ئېچىشنى، قىرغىزىستاندا 3000 مېگاۋاتلىق شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇشنى ۋە قىرغىزىستاننىڭ سارىيازدا بىر سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى ئۆز چىگە ئالىدىكەن. قىرغىزىستان تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيەگە موھتاج بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا زۆرۈر بولغان مەبلەغگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. قىرغىزىستان 24 KG خەۋەر ئاگېنتلىقى، قىرغىزىستاننىڭ يەنە خىتايدىن قەرز ئېلىشى مۇمكىنلىكى ۋە 6 كۆمۈر كاننىڭ ئاز دېگەندە ئۈچىنىڭ ئىشلەپچىقارغان كۆمۈرىنىڭ 70 پىرسەنتى قەرز سۈپىتىدە خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئازادلىق رادىيوسىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ، قىرغىزىستاننىڭ مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، ئۇنى خىتاينىڭ قەرز پاتقىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر پاتتۇرىدىكەن. قىرغىزىستاننىڭ خىتاي قەرز پاتقىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر پېتىشى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا قىرغىزىستان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىشى، بولۇپمۇ قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر پۇقرالىرىغا بولغان كونتروللۇق ۋە بېسىمنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى ئەندىشىسىنى پەيدا قىلماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە قىرغىزىستاننىڭ بىر مىليارد 700 مىليون تاشقى قەرزىنىڭ 40 پىرسەنتىنى خىتاي ئىگىلەيدىكەن.