خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى قىرغىزىستاندا خىتايچە مائارىپنى يولغا قويۇش تۈرى بويىچە ئىش باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.12.15

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان بىر خەۋەردىن قارىغاندا خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «خىتاي مائارىپ بايلىق قۇرۇلۇشى ۋە خىتاي مەدەنىيەت ئالاقە تۈرى» يېقىندا قىرغىزىستاندا ئىش باشلىغان.

بۇ قۇرۇلۇش تۈرى بويىچە قىرغىزىستاندا خىتاي مائارىپىنى شەكىللەندۈرۈپ ئۇنى يەرلىكلەشتۈرۈش پىلانى يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، ئوقۇش باسقۇچى باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بارلىق باسقۇچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەۋەردە، بۇ تۈرنىڭ قىرغىزىستانغا ئولتۇراقلاشقان خىتاي مۇھاجىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى نىشان قىلغانلىقى ۋە بۇ تۈرنى يولغا قويۇشتا شۇ يەردىكى ھەر قايسى خىتاي مۇھاجىرلار تەشكىلاتلىرىنىڭ يېقىندىن ھەمكارلاشقانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە، قىرغىزىستان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ خىتاي مۇدىرى چېن جىگۇنىڭ سۆزى نەقىل قىلىنىپ، خىتاي مەدەنىيەت ئالاقە تۈرىنىڭ تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ چەتئەللەردە چوڭ بولۇۋاتقان خىتاي ئەۋلادلىرىنى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بىلەن تەربىيەلەش ۋە خىتاي تىلى ئۆگىتىشتىكى رولى مەدھىيەلەنگەن.

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ قىرغىزىستاندىكى بۇ قۇرۇلۇشىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» ئۈستىگە ئالغانىكەن.

يېقىنقى يىللاردا ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدە خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتى ۋە شۇنىڭدەك يەنە ئاتالمىش خىتاي مۇھاجىرلار تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى كەڭ ئاشكارىلىنىپ كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى دىققەت قوزغاشقا باشلىغانىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىرغىچە ئامېرىكادا ئىلگىرى بار بولغان 118 كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ 104 ى تاقالغان.

ئەمما خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى ۋە شۇنىڭدەك ھەر خىل ناملار ئاستىدىكى تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.