خەلقئارادا ئىناۋىتى يۇقىرى ھېسابلىنىدىغان 2016 - يىللىق ياۋروپا ناخشا مۇسابىقىسىدە قىرىم تاتارلىرىدىن كېلىپ چىققان 32 ياشلىق ئۇكرائىنالىق ناخشا چولپىنى جامالا غەلىبە قازاندى.
ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جامالا 2016 - يىللىق ياۋروپا ناخشا مۇسابىقىسىدا «1944» ناملىق ناخشىسى بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن بولۇپ، مەزكۇر ناخشا 1944 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى جوسىف ستالىننىڭ قىرىم تاتارلىرىنى قىرىمدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنى ئوتتۇرا ئاسىياغا سۈرگۈن قىلىشتىن ئىبارەت تراگېدىيەلىك ۋەقەگە بېغىشلانغان ئىدى. جامالانىڭ مەزكۇر ناخشىسى باھالىغۇچىلارنىڭ 534 نومۇرىغا ئېرىشكەن.
ئاۋسترالىيىلىك ناخشىچى ئىككىنچى، رۇسىيە چولپىنى سېرگېي لازارېۋ ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن.
قىرىم تاتارلىرىدىن كېلىپ چىققان ئۇكرائىنا چولپىنى جامالانىڭ غەلىبىسىنى ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پېتىر پوروشېنكو قىزغىن تەبرىكلەپ، «پۈتۈن ئۇكرائىنا سىزگە چىن يۈرىكىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ،» دەگەن.
رۇسىيەنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، رۇسىيە كونتروللۇقىدىكى قىرىم جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىنىڭ ساياھەت ئىشلىرى بويىچە مەسئۇلى ئالېكسېي چېرنياك ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەگەر جامالا قىرىمغا كېلىپ كونسېرت قويۇشنى خالىسا كەلسە بولىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ سەپىرىنى سىياۋىلاشتۇرماسلىقىنى بىلدۈرگەن. ئالېكسېي چېرنياك جامالانىڭ ياۋروپا ناخشا مۇسابىقىسىدىكى غەلبىسىنى «سىياسىي غەلىبە» دەپ ئاتىغان.
رۇسىيەنىڭ «موسكۋا كومسومولى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە جامالانىڭ غەلىبىسىنىڭ سىياسىۋىلىككە ئىگە ئىكەنلىكى، 2016 - يىللىق ياۋروپا ناخشا مۇسابىقىسىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ كۈرەش مەيدانىغا ئايلانغانلىقى تەھلىل قىلىنغان.
جامالا 1983 - يىلى، قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ دادىسى قىرىم تاتارى، ئانىسى ئەرمەن. ئۇنىڭ مومىسى 1944 - يىلى قىرىمدىن سۈرگۈن قىلىنغانلاردىن ئىدى. ئۇ، 1989 - يىلى ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرگە قىرىمغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە شۇ يەردە ۋە كېيىن كىيېۋتا ئوقۇپ، ئاتاقلىق ناخشىچىغا ئايلانغان ئىدى.
