ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى 12-ماي كۈنى يىغىن چاقىرىپ، رۇسىيەنى قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەيدىغان بىر قارار قوبۇل قىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ ھۆججىتىدە قىرىم تاتارلىرى مەجلىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكى، مۇنداق چەكلىمىلەرنىڭ قىرىم تاتارلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ تارىخى ۋەتىنىدىن ھەيدەشكە ئۇرۇنۇش ھېسابلىنىدىغانلىقى، شۇڭا مۇنداق چەكلەشنىڭ دەرھال توختىتىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى ئۆزىنىڭ 12-ماي كۈنىدىكى يىغىنىدا يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قىرىم تاتارلىرى مەجلىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە قاتناشقانلارغا قارىتا ئېمبارگو قويۇشقا ۋە رۇسىيە تەرىپىدىن 2014-يىلى قوشۇۋېلىنغان قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى ئىنسان ھوقۇقلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى ئۈستىدە خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.
«نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 26-ئاپرېل كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 26-ئاپرېل كۈنى رۇسىيە كونتروللۇقىدىكى قىرىم ئالىي سوتى قىرىم تاتارلىرى مەجلىسىنى «ئەسەبىي تەشكىلات» دەپ قارار ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن رۇسىيە تېررىتورىيىسىدىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن ئىدى. قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىنىشىدىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەنقىدىي مەيدانىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيەنىڭ «lenta.ru» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قىرىم باش تەپتىشى ناتالىيا پوكلونسكايا قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنى «غەربنىڭ پايدىسى ئۈچۈن رۇسىيەگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا»، «قىرىم تاتارلىرى مەجلىسىنىڭ پۈتۈن پائالىيەتلىرى ۋە ئىدېئولوگىيىسى پەقەت بىرلا، يەنى رۇسىيە بىلەن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىنىشى مەسىلىسىدە يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، تۈركىيە ۋە ئۇكرائىنا ھۆكۈمەتلىرىمۇ رۇسىيەنى ئەيىبلىگەن.
قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسى 1991-يىلى 6-ئىيۇل كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى 260 مىڭدىن ئارتۇق قىرىم تاتارلىرىنىڭ قانۇنلۇق ئورگىنى دەپ قارالغان ئىدى.
