قىرىم تاتارلىرى سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقنى خاتىرىلەش ئالدىدا تۇرماقتا


قىرىم تاتارلىرى سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقنى ئۆز ئانا ۋەتىنى رۇسىيەگە قوشۇۋېلىنغان ۋە قىرىم يېرىم ئارىلىدا كۆپ ئادەمنىڭ توپلىنىشى چەكلەنگەن مەزگىلدە خاتىرىلەش ئالدىدا تۇرماقتا.

1944 - يىلى 18 - ماي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخپىي ساقچىلىرى سوۋېت ئالىي رەھبىرى ستالىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن قىرىم تاتارلىرىنى تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقا جايلىرىغا سۈرگۈن قىلغان ئىدى.

تاتارلار 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە ناتسىست قوشۇنلىرى بىلەن ھەمكارلاشتى دەپ ئەيىبلىگەن.

سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئەينى يىلى 193 مىڭدىن 240 مىڭغىچە تاتارلار قىرىم يېرىم ئارىلىدىن سۈرگۈن قىلىنغان.

بۇ نۆەت رۇسىيە قىرىم يېرىم ئارىلىنى قوشۇۋالغاندا يەرلىك تاتارلار بۇنىڭغا قاتتىق قارشى تۇرغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا 40 مىڭچە يەرلىك تاتارنىڭ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

بۇ يىللىق خاتىرىلەش مۇراسىمىغا رۇس ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.