قىرىم تاتارلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىرىمدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى 18 - ماي كۈنى سىمفېروپول شەھىرىدىكى قەبرىستانلىقتا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇ پائالىيەت يەنە باغچاسارايدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە تەۋەلىكىدىكى قىرىم جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى سېرگېي ئاكسېيېۋ قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىرىمدىن قوغلانغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى پەقەت سىمفېروپول شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدا ئۆتكۈزۈشكە يول قويغان. ئۇ بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، جەنۇبىي ئوكرائىنادىكى ۋەزىيەت جىددىي بولغانلىقى ئۈچۈن قىرىمدا 6 - ئىيۇنغىچە ھېچقانداق ئاممىۋى پائالىيەت ئۆتكۈزۈشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شۇ سەۋەبتىن تاتارلارنىڭ ئۆز پائالىيىتىنى پەقەت مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدىلا ئۆتكۈزۈشكە يول قويغان بولسىمۇ، ئەمما قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسى بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، خاتىرىلەش مۇراسىمىنى شەھەردىكى چوڭ مەسچىتتە ئۆتكۈزگەن. ئەمما قىرىم ھۆكۈمىتى 18 - ماي كۈنى پۈتۈن قىرىم بويىچە بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈپ، ستالىننىڭ قىرىم تاتارلىرىنى ئۆز يەرلىرىدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىغا بولغان ماتىمىنى ئىپادە قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 18 - ماي كۈنىدىكى پائالىيەت جەريانىدا رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپلانلىرى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ، پائالىيەت مەيدانىنى ئايلىنىپ ئۇچقان. قىرىم تاتارلىرى بۇنىڭدىن نارازى بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، قىرىم ھۆكۈمىتى قىرىم تاتارلىنىڭ رەھبىرى مۇستافا جەمىليېۋنىڭ قىرىمغا كىرىپ، بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشىغا يول قويمىغان ئىدى.
قىرىم تاتارلىرى 1944 - يىلى 18 - ماي كۈنى ستالىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىرىمدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستانلارغا سۈرگۈن قىلغان. ئۇلارغا گىتلېر گېرمانىيىسى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى جىنايىتى ئارتىلغان ئىدى.
قىرىم تاتارلىرى 1989 - 1991 - يىللىرىدىن كېيىن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېلىپ ئورۇنلىشىشقا كىرىشكەن.
