قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسىنىڭ باشلىقى رېفات چۇباروف 19-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، قىرىمدىكى تاتار خەلقىنىڭ رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۈركىيەدە چىقىدىغان «دۇنيا بۇللېتىنى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسىنىڭ باشلىقى چۇباروف ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بايانات بېرىپ، قىرىمدىكى تاتار خەلقىنىڭ رۇسىيە دۇماسىنىڭ سايلىمىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇ باياناتتا: «مىللىتىمىز ساق بولسۇن. مىللىتىمىزنىڭ نومۇسىنى قۇتقازغانلارغا تەشەككۈر ئېيتىمىز!» دېگەن.
چۇباروفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىرىم تاتارلىرى يۈزدە 90 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغان فونتانا رايونىدا رۇسىيە پارلامېنتى سايلىمىغا قاتنىشىشنى خالايدىغانلار پەقەتلا 9 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىكەن.
قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىلمى ئۆمەروفمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇكرائىنا بۇ سايلامنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بىلىشىمچە، دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەت ۋە رايونلارمۇ رۇسىيەنىڭ بۇ سايلىمىنى تونۇمايدۇ. قىرىم تاتارلىرىمۇ ئوخشاشلا رۇسىيەنىڭ بۇ سايلىمىنى تونۇمايدۇ!»
ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ قېتىملىق سايلىمىغا قىرىمدىن قاتناشقان كىشىلەرنىڭ نىسبىتى ئاران 42 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن. ھالبۇكى، ئۇكرائىنا پارلامېنتىنىڭ 2012-يىلى ئۆتكۈزگەن سايلىمىغا قىرىمدىن قاتنىشىپ ئاۋاز بەرگەن كىشىلەر 50 پىرسەنتنى تەشكىل قىلغان ئىكەن.
