خىتاي قىشلىق ئولىمپىك ئۈچۈن ھاۋا سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن
2015.03.28
خىتاي 2022 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىكنى قازاقىستان بىلەن تالاشقان ئىدى. بۇ ھەقتىكى تالاش - تارتىشلارنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتايدىكى مۇھىت ۋە ھاۋا بۇلغىنىشى مەسىلى خەلقئارا ئاخباراتلىرىنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم چەكتى.
27 - مارت دەۋر ژۇرنىلىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن بىر پارچە مۇلاھىزىدە خىتاي 2022 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىك ئۈچۈن ھاۋا سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەدىسىدە تۇرالىشىنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ماقالىدە خىتاينىڭ 2008 - يىلىمۇ شۇنداق ۋەدىلەرنى بەرگەنلىكى، ئەمما خىتايدىكى ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئۇنچە ئاسان ياخشىلانمايدىغانلىقى كۆرسىتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: كۆمۈر قالايدىغان4 ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسىنى كېلەر يىلى تاقىۋېتىشلا يېتەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن.
خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىللىق ئولىمپىك يىغىنى ۋە يېقىندا چاقىرىلغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى داۋامىدا بېيجىڭدىكى ئاپتوموبىل قاتنىشىنى چەكلەش، يېقىن - ئەتراپتىكى زاۋۇت - فابرىكىلارنى تاقاش ئارقىلىق بېيجىڭنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى بىر قەدەر ياخشىلىغان.
ئەمما، بېيجىڭنىڭ مۇھىتى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا ئەسلىدىكى ناچار ھالىتىگە قايتىپ كەلگەن.
ھالبۇكى، 2022 - يىلدىكى قىشلىق ئولىمپىك يىغىنى تازا قارا قىشتا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغاچقا خىتاينىڭ سوغۇق ھاۋادا يۇقىرىدەك تەدبىرلەرنى ئېلىشى قېيىنغا توختايدىكەن.
خىتاينىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىككە ساھىبخانىلىق قىلىش ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭمۇ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.