قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نامى چىقماسلىقى دىققەت قوزغىدى
ئۈرۈمچىدە 11 كۈن داۋام قىلغان، 52 تەنھەرىكەتچىلەر ئۆمىكىدىن مىڭلارچە كىشى ئىشتىراك قىلغان خىتاينىڭ مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بىرمۇ ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىنىڭ نامىنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
-
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-02-01 -
-
-
ئۈرۈمچىدە 11 كۈن داۋام قىلغان، 52 تەنھەرىكەتچىلەر ئۆمىكىدىن مىڭلارچە كىشى ئىشتىراك قىلغان خىتاينىڭ مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بىرمۇ ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىنىڭ نامىنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى ۋە شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى مەزكۇر مۇسابىقە توغرىلىق خەۋەرلىرىدە داۋاز ئادىل ھوشۇرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مەشئەل كۆتۈرگىنىدىن باشقا، ھىچقايسى ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنمىغان.
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىغا تەۋە تەنھەرىكەتچىلەر 42 تۈر بويىچە مېدالغا ئېرىشكەن، مېدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەر ئارىسىدا ئۈرۈمچى كوماندىسىدىن فەن يۈجېن، يەن شۇشىن، چەي خۇڭ، قارىماي كوماندىسىدىن ساۋ نەيۋېن، ۋۇ شۇاڭ قاتارلىق كۆپ ساندا خىتاي تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىدۇ، ئەمما خەۋەرلەردە مېدالغا ئېرىشكەن ياكى مۇسابىقىگە قاتناشقان ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلەر ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق. ئۇيغۇر رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن كاتتا بىر مۇسابىقىدە ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ نامى چىقماسلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
نورۋىگىيەدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچى زۇمرەت خانىم، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەر قايسى ساھەلەردە چەتكە قېقىشىدىن باشقا يەنە، نۆۋەتتە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە تۇرمۇش ھەلەكچىكىدە ئۆتۈشى، رايوندىكى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل ئارامىنىڭ بولماسلىقى، ئۆز زېمىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇسابىقىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سەھنىگە چىقالماسلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر.