كۆزەتكۈچىلەر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەندىشە ئىچىدە ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.02.01


تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 20 - يانۋار كۈنى باشلانغان خىتاينىڭ مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت پائالىيىتى 30 - يانۋار كۈنى ئاخىرلاشقان. مۇز تېيىلىش، چاڭغا تېيىلىش، مۇز چەينەك، مۇز توپ قاتارلىق 97 تۈر بويىچە داۋام قىلغان بۇ مۇسابىقىگە خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن 52 تەنھەرىكەتچىلەر ئۆمىكى قاتناشقان، مۇسابىقىنى 10مىڭدىن ئارتۇق كىشى تاماشا قىلغان. مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەنلىكى كۆپ تەكىتلەنگەن خەۋەردە، مۇسابىقىنىڭ بىخەتەر ئۆتكەنلىكى ئالاھىدە تەنتەنە قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتە خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدە ئالاھىدە بىر ۋەزىيەتتە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، مۇسابىقە ئاخىرلاشقۇچە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ھەرخىل ئېھتىماللىقلارغا قارشى تەييار ھالەتتە تۇرغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىيومىزغا پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى، «ئادالەتسىزلىك ۋە تەڭسىزلىك ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بىر زېمىندا ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق بىر سەنئەت ياكى تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ كۆڭۆللۈك ۋە خاتىرجەم ئۆتمەيدىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن مەزكۇر مۇسابىقىسىنىڭمۇ ئەندىشە ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى خەۋەرلەردىكى يۇقىرىقىدەك بايانلاردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئۈرۈمچىدە 22 - ماي ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن بىر يېرىم يىل، ئوپىراتسىيەسى 56 كۈن داۋام قىلغان باي ۋەقەسىدىن ئىككى ئاي كېيىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.