ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەكتەپلەرنىڭ بۇ يىللىق بىرىنچى سائەتلىك دەرسى «قىزىل لېكسىيە» بىلەن باشلانغان

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-09-02
Share

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر 1-سېتەبىر كۈنى ئوقۇش باشلىغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېڭى ئوقۇش يىلى باشلانغان بىرىنچى كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق مەكتەپلەر بىرىنچى سائەتلىك دەرسىنى «پارتىيە تارىخى» نى ئۆگىنىش ۋە «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش» مەزمۇن قىلىنغان قىزىل تەشۋىقات پروگراممىسى بىلەن باشلىغان. باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار شۇ كۈنى كومپارتىيەنى مەدىيىھلەش تېمىسىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسىنى كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كۇچادىكى 10-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش باشلىغان كۈنى «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا «مېڭە يۇيۇش» خاراكتېرلىق «ئىدېئولوگىيە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى» قوزغالغان. بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر رايونى، تىبەت قاتارلىق چېگرا رايونلاردا تېخىمۇ ئەشەددىي شەكىلدە داۋاملاشقان. بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» تەربىيەسى ۋە «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش» تىن ئىبارەت ئاشقۇن كوممۇنىست ئىدېئولوگىيەسى تېڭىلىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىش ئىستراتېگىيەسى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.

تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىدا ئېلان قىنغان ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە يەركەن ناھىيەسىدە 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 880,500 بالىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئىگىلىنىشىچە، ياتاقلىق مەكتەپلەر دائىرىلەرنىڭ 24 سائەتلىك كونتروللۇقى ئاستىدىكى لاگېر تۈسىنى ئالغان مەكتەپلەر بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە «مېڭە يۇيۇش» تەربىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، كەلگۈسىدە ئۇلارنى ئۆز ئەجداتلىرىغا ئوخشىمايدىغان پۈتۈنلەي باشقىچە بىر ئەۋلاد قىلىپ چىقىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت