بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ئۈندىدار، فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان 3 مىنۇتلۇق بىر فىلىمدە، يېزا دېھقانلىرىدىن 10 نەچچە كىشىنىڭ رەتكە تىزىلىپ خىتاي كومپارتىيىسىنى ۋە ئۇنىڭ كاتتىۋاشلىرىنى مەدھىيىلەپ قىزىل ناخشا ئېيتىۋاتقان كۆرۈنۈشى تورداشلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.
فېسيبوك تورىدا 12 - ئاپرىل يېزىلغان بىر ئىنكاستا: «قاراڭلار، ئۇلار 50 ياشقا كىرگەن دېھقانلىرىمىزنى، بالىلىق ئاياللارنى يىغىۋېلىپ، ئۇلارغا تىلى كەلمەيدىغان خىتايچە قىزىل ناخشىلارنى ئېيتقۇزۇۋېتىپتۇ، ئەسلىدىنلا ھەر خىل ئەمگەك ھاشارلىرىغا سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرى مانا ھازىر مەنىۋىي ھاشارلارغىمۇ سېلىنماقتا» دېيىلگەن بولسا، يەنە بىرەيلەن «ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ قىزىل ناخشىسىنى تولىمۇ ھەجىۋىي شەكىلدە ئېيتىۋېتىپتۇ، بۇنىڭ ئۆزى دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل مەنىۋىي سېلىقلىرىغا قارىتا نارازىلىقنىڭ ئىپادىلىنىشى» دەپ يازغان.
رادىيومىز ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردا، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قىزىل ناخشا ئېيتىش، دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەدھىيىلەيدىغان تېمىلاردىكى تەشۋىقات رەسىملىرىنى سىزىش قاتارلىق ھەر خىل ناملاردىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئۆتكەن ھەپتە خوتەندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان، ئۇلارنىڭ يېزىسىدا «دېھقانلارنى قىزىل ناخشا ئېيتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېزىغا چۈشكەن كادىرلارنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى» نى بىلدۈرگەن ئىدى. دېھقانلار ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، خىتايچە ناخشا ئۆگىنىش ئۈچۈن كۈنلەپ ۋاقتى سەرپ قىلىنغاچقا، ئۆي ۋە ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىغا يېتىشەلمەي دېھقانچىلىق كىرىمى ئازلىغانلىقىنى شىكايەت قىلغان ئىدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، «فىلىمدە ئەكىس ئەتكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىشغالى ئاستىدا دۇچ كېلىۋاتقان مەنىۋىي زۇلۇملىرىنىڭ قىسقا بىر كارتىنىسى ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي زۇلۇملارنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.
