خىتاي ھۆكۈمىتى «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىلغان 100 ئەمەلداردىن 19 نەپىرىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان
2016.01.11
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور بېكىتى 6 - يانۋار كۈنى بايانات بېرىپ، 2015 - يىلى «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقارغان يۈز كىشىدىن 19 نەپىرىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى ئاشكارا قىلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2015 - يىلى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» ئېلان قىلىپ، جەمئىي 100 نەپەر يوقىرى دەرىجىلىك خىيانەتچى ئەمەلدارنىڭ قارا تىزىملىكىنى چىقارغان. ھالبۇكى، ھازىرغا قەدەر ئۇلاردىن دەي شۆمىن، لى خۋابو قاتارلىق 19 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى مەلۇم.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا چۈشكەن 19 نەپەر خىيانەتچى ئەمەلدارنىڭ ئىككىسى خىتاي ئىچىدە قولغا ئېلىنغان، ئىككىسى ئۆلگەن، يەتتىسىنى چەتئەلدىن نەسىھەت قىلىپ قايتۇرۇپ كەلگەن، قالغان يەتتە نەپىرى چەتئەلدىن قايتۇرۋېتىلگەنلەر ئىكەن.
ئۇندىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى يەنە يېقىندا خىتاي مەملىكەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ لېبىننىڭ كومپارتىيەدىن قوغلانغانلىقى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
كۈزەتكۈچىلەر، پارىخورلۇق بىلەن چىرىكلىكنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىدىكى بىر ساقايماس كېسەلگە ئايلانغانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە زەربە بېرىش يولىدىكى ئۇرۇنىشلىرىنىڭ بۇ كېسەلنى تۈپتىن يوق قىلالىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.









