بىڭتۇەن «قىزىل ساياھەت» تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرغان
2022.03.09
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 9-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ بىڭتۇەن 6-دېۋىزىيە قارمىقىدىكى «ۋۇجياچۈي مۇزېيى، گېنېرال خاتىرە سارىيى، مەدەنىيەت سارىيى» قاتارلىق ساياھەت نۇقتىلىرى زىيارەتچىلەر بىلەن تولغان، كۆپلىگەن ئىدارە-ئورگانلار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى تەشكىللەپ، «قىزىل تەربىيە ساياھىتى» گە ئېلىپ كەلگەن.
خىتاينىڭ ئەڭ بۇرۇنقى بىڭتۇەن بازىلىرىدىن بولغان ۋۇجىياچۈ ئۆزىدىكى ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، «قىزىل مەدەنىيەت شەھەرچىسى، يېشىل مۇھىت باغچىسى» بەرپا قىلغان بولۇپ، «گېنېرال مەھكىمىسى» ۋە «گېنېرال خاتىرە سارىيى» نى ئۆزگەرتىش ھەم كېڭەيتىشنى ئاساس قىلىپ، بىڭتۇەن زىيالىي ياشلار خاتىرە سارىيى، جەڭگىۋار ئەترەت خاتىرە سارىيى، 102-ئەترەت خاتىرە سارىيى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرگەن «قىزىل ساياھەت نۇقتىسى» شەكىللەندۈرگەن.
بۇ يىل 2-ئايدا بىڭتۇەن پارتكوم ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنىدا «قىزىل مەدەنىيەت» مىراسلىرىنى قېزىش، ھەربىي بازا مەدەنىيەتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش، ساياھەتچىلىك قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، «قىزىل ساياھەت» نى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، يېزا ئىگىلىك، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەر بىلەن بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇپ، «ھەربىي يېزا ئىگىلىك بازىسى بىلەن ساياھەتچىلىك بىرلەشكەن كۆپ خىل ئۈلگىلىك ئورۇن» لارنى قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بىڭتۇەن بۇ خىل «قىزىل ساياھەت» نۇقتىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىشغالىيەتچىلىك تارىخىنى بۇرمىلاپ، قانداقتۇر «شەرەپلىك تارىخى» ۋە تۆھپىلىرىنى كۆرسىتىش، خىتايلارغا بىڭتۇەننىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.









