خىتاي رۇسىيەدە «قىزىل ساياھەت» نى ئەۋج ئالدۇرماقتا

«ۋال سىترېت ژۇرنىلى» نىڭ 31-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قايسى دەرىجىدە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىۋاتقان «قىزىل ساياھەت» پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشۇپ، رۇسىيەگە ساياھەت ئۈچۈن كېلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سان جەھەتتىكى ئېشىپ مېڭىش ئەھۋالىدىن ئوچۇق كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن خىتاي كومپارتىيىسىگە ئالاقىدار تارىخىي نۇقتىلارنى ساياھەت قىلىش ئەۋج ئالغان. بۇ ھال 2015-يىلى ماۋ زېدۇڭنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى بولغان شاۋشەن ناھىيىسىدە خىتاي-رۇسىيە ئىككى تەرەپ «قىزىل ساياھەت» يوللىرىنى ئېچىش ھەققىدىكى رەسمىي توختامغا قول قويغاندىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. ساياھەت ئۆمەكلىرىگە ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئەرزان مال باھاسى ۋە بىخەتەر ساياھەت مۇھىتى كۆپلىگەن خىتاي ساياھەتچىلەرنى «قىزىل ساياھەت» كە جەلپ قىلغان قوشۇمچە ئامىللار ئىكەن.

بۇ يىلنىڭ ئۆزىدە بولسا مۇشۇ لايىھە بويىچە بىر مىليون يۈز مىڭ خىتاي ساياھەتچى رۇسىيەدىكى «قىزىل» نۇقتىلارنى ساياھەت قىلىشقا كەلگەن. چېڭ لىڭ ئىسىملىك بىر خىتاي مۇخبىرغا «بىز لېنىن ۋە ستالىن ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇق، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇ دۆلەتنى قانداق قىلىپ قۇرۇپ چىققانلىقىنى چۈشەندۇق» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى «رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى» نىڭ يۈز يىللىقى تەبرىكلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە تېخىمۇ كۆپ خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ رۇسىيەگە بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.