قىزىلسۇ ئوبلاستى «قارا كۈچلەر ۋە رەزىللىككە چېتىشلىق جىنايى قىلمىشلار» نى پاش قىلىش ھەمدە مۇكاپاتلاش چارىسىنى ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز سادا
2019-05-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قىزىلسۇ ئوبلاستلىق دائىرىلەر يېقىندا «قارا كۈچلەر ۋە رەزىللىككە چېتىشلىق» جىنايى قىلمىشلارنى پاش قىلىش ھەمدە مۇكاپاتلاش چارىسىنى ئېلان قىلغان.

قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ «چارە» دە تۈرلۈك مۇكاپاتلاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ئاممىنى «قارا كۈچلەر ۋە رەزىللىككە چېتىشلىق جىنايى قىلمىشلار» نى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «قارا كۈچلەر ۋە رەزىللىككە چېتىشلىق جىنايى قىلمىشلار» 12 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئەڭ دىققەت تارتىدىغان بىرىنچى نۇقتا مىللەت ۋە دىن مەسىلىسىگە تاقالغان. مەزكۇر «مۇكاپاتلاش چارىسى» نىڭ بىرىنچى تۈرىدە «مىللەت، دىننى ‹نىقاب› قىلىۋېلىپ، مۇشتۇمزورلۇق قىلغان، يېزا-كەنتلەرنىڭ سايلىمىغا ئارىلىشىۋالغان، قانۇنسىز ۋەز-تەبلىغ ئېيتقان، ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى تەرغىب قىلغان، دىنىي ئەسەبىي قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغان جىنايەت شايكىلىرى» نى پاش قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى قوزغىغان «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش ۋە رەزىللىكنى تۈگىتىش» دولقۇنى ئۇيغۇر دىيارىدا كىشىلەرنى «مەسىلە تاپشۇرۇش» قا ياكى «مەسىلە پاش قىلىش» قا مەجبۇرلاشتەك كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتكە ئايلىنىپ، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەندىشىسى قوزغىماقتا.

خىتاينىڭ رايوندا مىللەت ۋە دىنىي مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى «قارا كۈچلەر ۋە رەزىللىككە چېتىشلىق» جىنايى قىلمىشنىڭ بىر تۈرىگە ئايلاندۇرۇشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تېخىمۇ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئۇلار بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارغا قاماق جازاسى بېرىش ياكى ئۇلارنى كوللېكتىپ ھالدا لاگېرلارغا سولاش مەقسىتىگە بىر باھانە بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.

كورلا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 15-ماي كورلا شەھىرىدىن ئىككى نەپەر كىشى «قارا كۈچلەر ۋە رەزىللىككە چېتىشلىق جىنايى قىلمىشلارنىڭ يىپ ئۇچىنى تەمىنلىگەن» لىكى ئۈچۈن 30 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلانغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت