خىتاي كومپارتىيىسى تەشۋىقات ئەمەلدارى كومپارتىيە تارىخىنى قارىلاشقا زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.10.16

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى ليۇ چىباۋ يېقىندا جاڭشى ئۆلكىسىدىكى كونا قىزىللار رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا «ئىنقىلابى مەدەنىيەت تەشۋىقاتلىرى ۋە جىنگاڭشەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىش»نى تەلەپ قىلغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، ليۇ چىباۋ سۆزىدە تارىخى ئىنكارچىلىققا قارشى تۇرۇش، كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ تارىخىنى قارىلايدىغان، ئىنقىلابى قەھرىمانلارنى چۈشۈرىدىغان سۆز ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەن.

ليۇ چىباۋ سۆزىدە يەنە شۇ ئارقىلىق ئىنقىلابى قەھرىمانلارنى قوغداش كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى يىللاردا خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن ئىنقىلابى قەھرىمانلىق تەشۋىقاتى بولغان بىر قىسىم تارىخى ۋەقەلەر ۋە شەخسلەرنى ئىنكار قىلىش ياكى چۈشۈرۈشكە ئائىت ماقالىلار ھەم سۆز - ھەرىكەتلەر كۆپەيگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت خىتاي كومپارتىيىسى تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر تېمىلاردا ماقالە ئېلان قىلغان بىر قىسىم تور بەتلىرى ۋە ژۇرناللارنى تاقىۋەتكەن، مەسىلەن، بۇ يىل 10 - ئاينىڭ بېشىدا سىياسىي ئىدېئولوگىيىگە مۇناسىۋەتلىك «ئورتاق تونۇش تورى»، 7 - ئايدا «يەن - خۇڭ باھارى ۋە كۈزى» ناملىق ژۇرنالنى تاقىۋەتكەن ئىدى. بۇ ژۇرنال ۋە تور بەتلەردە كۆپلىگەن تارىخى سەزگۈر تېمىلار بويىچە ماقالىلار ئېلان قىلىنغان ئىدى.

مەسىلەن؛ «يەن - خۇاڭ باھارى ۋە كۈزى» ژۇرنىلىدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىدىكى مەشھۇر قەھرىمانلىق ۋەقەسى «لياڭيا تېغىدىكى بەش قەھرىمان» ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئىلگىرىكى تەشۋىقاتلارنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىگە ئائىت نۇقتىلار پاش قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.