خىتاي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇدا 16-ئاپرېلدىن باشلاپ «مەن جېجياڭنى-شىنجاڭنى سۆيىمەن: مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلغان 100 يىل» تېمىسىدا «مىليون يۈرۈشلۈك پائالىيەت» باشلانغان. خىتاينىڭ پىلانى بويىچە، جېجياڭ ئۆلكىسى ئاقسۇغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە بولۇپ، «جېجياڭ بىلەن ئاقسۇ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەش» بۇ پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى بولىدىكەن، پائالىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنى كۈيلەيدىغان قىزىل ناخشا-ئۇسۇللار، تىياتىر، فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
بۇ خەۋەردە ئېيتىلغان «مىليون يۈرۈشلۈك پائالىيەت» باش تېمىسى قىزىل بولغان 100 مەيدان تىياتىر قويۇش، 100 مەيدان تىياتىرنى مەكتەپلەردە كۆرسىتىش، پارتىيە تارىخىغا ئائىت 100 پارچە سۈرەت ۋە ئارخىپ كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش، 100 مەيدان ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش، 100 مەيدان لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇش، 100 نەپەر قىزىل سەنئەتچى تەربىيەلەش قاتارلىق 11 تۈرلۈك پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى 10 چوڭ ئۈلگە قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشى» ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ئىسلام مەدەنىيىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن مىللىي ئاڭ ۋە تۇرمۇش شەكلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا «كېسەل ئاڭ ۋە غەيرىي تۇرمۇش ئادىتى» بولۇپ، خىتاي ئۇنى يوقىتىپ بىر يەرگە بارغاندا ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئالىقاچان تۈكۈرۈپ تاشلانغان كوممۇنىزم سەپسەتىسىنى قايتا پەيدا قىلىپ، خەلقنىڭ مېڭىسىنى سولچىل ئىدىيە بىلەن يۇيۇپ، ئۇلارنى ئۆز مىللىتىنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئۇنتۇغان بىر توپ ماڭقۇرتلارغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن. كوممۇنسىت خىتاينىڭ بۇ بىمەنە سەپسەتىلىرى «مەدەنىي ئوزۇق» ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەت ماركىسى چاپلانغان «قىزىل زەھەر» بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىگە بۇنى زورلاپ تېڭىش ئارقىلىق بۇ خەلقنى ئۆزى خالىغان تىپتىكى ئاڭسىز، جانسىز، كوممۇنسىت خىتاينىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغان كىشىلەرگە ئايلاندۇرماقچى بولغان.