ئىتالىيە مەتبۇئاتى: «خىتاي قوش تىل مائارىپى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى تۈگەتمەكچى»

ئىتالىيەدە نەشر قىلىنىدىغان «ياۋروپادىكى ئىشلار» ژۇرنىلىنىڭ 26-ماي سانىدا لۇكا ماركېزىنى ئىمزاسىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «قوش تىل ئوقۇتۇشى» پروگراممىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنى پەسكويغا چۈشۈرمەكچى بولغانلىقى مۇھاكىمە قىلىندى.

ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار رايونىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ 1949-يىلىلا باشلانغانلىقىنى، شۇ ۋاقىتلاردا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى يوقىتىپ، ئۇنى يېڭىدىن قۇرۇلغان خىتاي دۆلىتىگە قوشۇۋالغانلىقىنى ئەسلەتكەن. ئاپتورنىڭ پىكرىچە، جاھانگىرلىك خاراكتېرىدىكى مۇشۇ تاجاۋۇزچىلىق ھازىرقى كۈندە مەۋجۇت بولۇۋاتقان بارلىق زىددىيەتلەر ۋە قارشىلىقلارنىڭ تۈپ مەنبەسى ئىكەن.
ماقالىدە ئاپتور مۇشۇ خىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە باشقا مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى ئېيتىپ، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەرلىك ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلى ئۆگىتىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان «قوش تىل مائارىپى» نى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

رادىيومىزنىڭ ئىلگىرىكى خەۋەرلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەلۇماتلىرىدا خىتاينىڭ 2020-يىلىغا قەدەر بۇ خىلدىكى «قوش تىل» مەكتەپلىرىنى 85% جايلاردا ئومۇملاشتۇرماقچى بولغانلىقى، بۇ خىزمەتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە 2016-يىلى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىن 11 مىڭدىن ئارتۇق «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلماقچى بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org