ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لى پىڭشىن ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن «قوش تىل مائارىپى» نى كۈچلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يۇقىرىدىكى بۇ سۆزنى ئاقسۇدا قىلغان زىيارىتى داۋامىدا قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «قوش تىل تەربىيەسى خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئومۇملىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ‹قوش تىل› دا مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملىشى ۋە ئۆستۈرۈشى كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى دەرسىنى ياخشى ئۆتۈپ، تەربىيەنى كىچىكىدىن، يەسلىدىن باشلاپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.»
خىتاي سېكرېتار لى پېڭشىن زىيارىتى داۋامىدا ئاقسۇنىڭ قوش تىل مائارىپى خىزمىتىدىن باشقا يەنە، مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە ئائىت تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنىمۇ تەكشۈرۈپ، يەرلىكتىن دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا قارىتا تەربىيە، مۇلازىمەت، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىنىي زاتلار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەشنى تەلەپ قىلغان.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش ئارقىلىق مۇقىملىق يارىتىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە دىنىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مەسچىت باشقۇرۇش سىياسىتى» مۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.