خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا «قوش تىل يەسلى» قۇرۇلۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قاتتىق تەكىتلىگەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر يېقىندا «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست يېزىلىرىدا ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى» چاقىرىپ، يېزىلاردا «قوش تىل» يەسلىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە، قوش تىل يەسلىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، دەپ كۆرسىتىلگەن ۋە ھەر دەرىجىلىك ئورگانلاردىن بۇ خىزمەتنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
تېخى ئالدىنقى كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «قوش تىل يەسلىسى» قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ئاكتىپ بولمىغان ياكى پىكىر جەھەتتە پارتىيە بىلەن بىردەك بولمىغان ھاكىم ۋە بۆلۈم دەرىجىلىك جەمئىي 37 نەپەر كادىرنى «بىر تەرەپ» قىلغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «قوش تىل يەسلى» قۇرۇلۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا بۇنچە جىددىيلىشىپ كېتىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان بۇ يەسلىلەر، ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئاقىۋەتتە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى جىددىي رەۋىشتە يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.