«قوش تىل يەسلى» ئوقۇتقۇچىلىرىغا 6000 سوم مائاش بەلگىلەندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.06.13

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ 13-ئىيۇندىكى سانىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ رايوندا «قوش تىللىق يەسلى» لەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرى مەدھىيىلەندى.

مەزكۇر خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قوش تىللىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەرگە پۈتۈن خىتاي بويىچە 22 مىڭ 900 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئايلىق مائاشى 6065 يۈەن قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنىشمۇ مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويۇلماقتا.

خىتاي ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىدا 2016-يىلى يىل ئاخىرىغا قەدەر پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىدىكى يېزىلاردا 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان بالىلار ئۈچۈن قۇرۇلغان يەسلىلەرنىڭ سانى 5500 گە يەتكۈزۈلگەنلىكى ۋە بۇ يىل ئىچىدە قوش تىللىق يەسلىلەرنىڭ 4380 دىن ئاشۇرۇلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يولغا قويۇۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن «مىللىي مائارىپنى يوقىتىش» ۋە «ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى» دەپ تەنقىدلىنىپ كېلىۋاتقان ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتا-ئانىلار ۋە مىللىي تىللىق مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قوش تىللىق مائارىپنى ئۇيغۇرلارغا ئومۇملاشتۇرۇش سىياسىتىنى بارغانچە كۈچەيتمەكتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2010-يىلىدىن باشلاپ تېخىمۇ تېزلىتىلگەن قوش تىللىق مائارىپ قۇرۇلۇشىدا، 2016-يىلى يىل ئاخىرىغا قەدەر پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي تىلى ۋە قوش تىللىق مائارىپ تەربىيەسى ئالغان «ئاز سانلىق مىللەت» ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 2 مىليون 249 مىڭغا يەتكۈزۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.