ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئاتالمىش قوش تىل سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى ۋە مەقسىتىگە سوئال قويۇلۇۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىللىق يەسلى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
شىنخۇا ئاخباراتى 6 - مايدىكى خەۋىرىدە مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ رايوندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىككى يىللىق قوش تىل يەسلى مائارىپىنى بۇنىڭدىن كېيىن 3 يىلغا ئۆزگەرتىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىل يەسلى مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى نۆۋەتتە 75 پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ 2020 - يىلىغا بارغاندا 85 پىرسەنتكە يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
رويتېرستا بۇ ھەقتە بېرىلگەن بىر پارچە خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «يەرلىك ئەمەلدارلار رايوندا ھەرخىل بەس - مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان قوش تىللىق مائارىپنىڭ يەنە كېڭەيتىشكە موھتاج ئىكەنلىكنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار مەزكۇر مائارىپتا خىتاي تىلى ئارزۇلىنىپ، ئۆز ئانا تىلىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغانلىقىدىن غەم يەيدۇ.»
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەۋزەللىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا قارىتىلغان بارلىق تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ كەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى قوش تىللىق يەسلى قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان.
ئىلگىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئوقۇتقۇچى، قوش تىل مائارىپى سەۋەبىدىن ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئانا تىل سەۋىيەسى، جۈملىدىن ئومۇمىي ساپاسىنىڭ كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان دەرىجىدە چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
