خىتاي تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى «قوشماق تۇغقانلىشىش» سىياسىتىنى مەدھىيەلىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.06.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى مۇتلەق نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ۋە چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلىنىۋاتقان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان بولۇش» سىياسىتىنى مەدھىيەلەپ بازارغا سالغان.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» 8-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كىشىلىرى بارغانسېرى يېقىنلاشتى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە قوشماق تۇغقانلىشىش سىياسىتىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، دەپ تەكىتلىگەن. خەۋەردە مەزكۇر سىياسەتكە ئائىت بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلارمۇ ئاشكارىلانغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، 2016-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا «قوشماق تۇغقانلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇش» سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق كادىر ھەر مىللەتتىن بولغان 1 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە بىلەن «تۇغقانلاشقان».

خەۋەردە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ خىزمەت بۆلۈمىنىڭ تەكلىپى بىلەن يۈرگۈزۈلگەن بۇ قوشماق تۇغقانلىشىش سىياسىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلـتۈرگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ خەلق ئاممىسىنىڭ دەردىنى ئاڭلىغانلىقى، سەمىمىي ھېسسىيات بىلەن ئاممىغا خىزمەت قىلىپ مىللىي ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي يوسۇندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقانچىلىق» سىياسىتىنىڭ مەقسىتىنى يەرلىك خەلقلەرنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىنى 24 سائەت بويىچە نازارەت قىلىش، دەپ باھالاپ، ئۇنى ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىگە قىلىنغان ئېغىر تاجاۋۇز، دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر ئەرلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئاز دېگەندە 2 مىليون كىشىنى لاگېرلارغا قاماپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان سىياسىتىنى» ئىجرا قىلىشنى قاتتىق كېڭەيتكەنىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر بۇ سىياسەتنىڭ رەزىل يۈزىنى ئېچىپ بەرگەن بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر-خىتاي تۇغقانچىلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق-مەقسەتلىك ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى، دەپ باھالىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت