ئۇيغۇر ئېلىدا بىر مىليون 600 مىڭ ئۇيغۇر ئائىلىسى يېڭى «تۇغقان» لىرى بىلەن «تۇغقانلاشتۇرۇلغان»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-07-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم ئاپتونوم رايونىدا مىللەتلەر ئارا «تۇغقانلاشتۇرۇش» سىياسىتى يولغا قويغان يېقىنقى بىر يېرىم يىل ئىچىدە بىر مىليون 600 مىڭ ئۇيغۇر ئائىلىسىگە مەجبۇرىي «تۇغقان» تېپىپ بېرىلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2016‏-يىلى 10‏-ئايدىن باشلاپ رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆز ئارا مەجبۇرىي «تۇغقانچىلىق» ئورنىتىش ھەرىكىتىنى باشلاپ، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى خىتاي كادىرلار، كەسپىي خادىملار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن «تۇغقانلىشىش» قا مەجبۇرلىغان.

ھالبۇكى، بۇ ھەرىكەت خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ، مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ئائىلە ھاياتىغا، كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ۋە شەخسى مەخپىيەتلىكىگە ئېغىر پاراكەندىچىلىك ئېلىپ كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنى، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىچىدىكى شەخسىي پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. خىتايدا چىقىدىغان «خەلق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر ھەرىكەت باشلانغان 2016‏-يىلى 10‏-ئايدىن بېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا بىر مىليون 100 مىڭ ھەر دەرىجىلىك كادىر، ئىشچى-خىزمەتچى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ، بىر مىليون 600 مىڭ يەرلىك ئائىلە بىلەن «تۇغقانچىلىق» ئورنىتىلغان. «خەلق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە يەنە قەيت قىلىنىشىچە، بىر مىليون 100 مىڭ كادىر ۋە ئىشچى-خىزمەتچى بۇ مەزگىل ئىچىدە ئاتالمىش يەرلىك «تۇغقانلىرى» نى 33 مىليون 300 مىڭ قېتىم يوقلاپ بارغان. بۇ ھەر 20 نەچچە كۈندە بىر قېتىم كېلىپ «تۇغقان يوقلاش» قا توغرا كېلىدىكەن.

مەزكۇر ھەرىكەت چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يۆتكەپ كېلىنىپ 2 ئايدىن كېيىن، يەنى كەڭ كۆلەملىك «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» قۇرۇلۇپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر بۇ لاگېرلارغا سولىنىشتىن سەل بۇرۇنلا باشلانغان. يېقىندا ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئىشلار باش ئەلچىسى سام بروۋېنبەك ئاقسارايغا «يەر شارى ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارغان ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت