خىتاي دائىرىلىرى قۇربان ھېيتتا «قوشماق تۇغقانلار ھېيتلىشىش پائالىيىتى» تەشكىللىگەن

خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيتتا خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن بۇرۇنلا باشلانغان ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا مۇداخىلە قىلىش دەپ ئەيىبلەنگەن «قوشماق تۇغقانلار» نىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلەر بىلەن «ھېيتلىشىش» پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن. نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك تاراتقۇلىرىدا خىتاي «قوشماق تۇغقان» كادىرلىرىنىڭ قۇربان ھېيت مەزگىلىدە «ئۇيغۇر تۇغقانلىرى» نىڭ ئائىلىسىگە كېلىپ، ھېيتنى تەڭ كۈتۈۋالغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر كەڭ تارقىتىلماقتا.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى بىر مىليوندىن ئارتۇق كادىرنى «قوشماق تۇغقان» بولۇش نامىدا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئىچىدىكى كۈندىلىك ئىش-ھەرىكىتىنى كۆزىتىشى ۋە خاتىرىلىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئىچىدىكى ئەركىنلىكى ۋە تۇرمۇش مەخپىيەتلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش، دەپ ئەيىبلەنگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلىغان چوڭ تۇتقۇنىدا «قوشماق تۇغقانلار» نىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئۈستىدىن تەييارلىغان كۆزىتىش دوكلاتى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە جازالىنىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 29-ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر بۇ يىللىق قۇربان ھېيتتا خىتاي «قوشماق تۇغقانلار» نى يەنە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە بېرىپ ھېيتلاش، ھېيتنى تەڭ تەبرىكلەشكە سەپەرۋەر قىلغان.

خەۋەردە، ئاتۇش، قارا شەھەر، ساۋەن قاتارلىق جايلاردا خىتاي «قوشماق تۇغقانلار» نىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە يوقلاپ بېرىپ ھېيتنى بىرگە تەبرىكلىگەنلىكى، قىزىلسۇ نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ جيەنئەننىڭ ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزىسىدىكى «قوشماق تۇغقىنى» قۇربان ئابلەتنىڭ ئۆيىدە ھېيت ئۆتكۈزگەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان. رايوندىكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، «قوشماق تۇغقانلار» نىڭ ھېيتنى تەبرىكلىگەنلىكى، رايون خەلقىنىڭ ھېيتنى خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى چاڭچىلە ئويۇنلىرى بىلەن كۈتۈۋالغانلىقى كەڭ خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقنىڭ ھېيت نامىزى ئوقۇغان ياكى ئوقۇمىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن.