قۇللۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا جەمئىيىتى ئەنگىلىيە سوتىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىككى يىل بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن پاختا ئىمپورت قىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەندە، ئەنگىلىيە سوتى ھۆكۈمەت تەرەپتە تۇرۇۋالغانىدى. بۇ ئەھۋال دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ھەق-تەلەپ دەۋاسىدىن ياندۇرالمىغان بولۇپ، ئەنگىلىيە سوتىنىڭ قارارى ئۈستىدىن ئەرز سۇنماقچى بولغان.

قۇللۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا جەمئىيىتى 8-ماي كۈنى بۇ توغرۇلۇق X ھېسابىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇردا، «كېلەر ھەپتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن قايتا يۈزلىشىدۇ. بۇ قېتىمقىسى سوتقا ئەرز قىلىشتۇر. كۈچلۈك تەرەپكە تاقابىل تۇرۇش مۇشەققەتلىك ئىشتۇر، شۇڭا ئۇلار سوتنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشقاندا، سىز ئۇلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتەلەمسىز؟» دېيىلگەن.

قۇللۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا جەمئىيىتى يەنە X دە بىلدۈرگەن ئىپادىسىدە، «بىز بۇ سوتتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىمىز. بىز ئۇ يەردە مەجبۇرىي ئەمگەكتە ھەرگىز ئادىللىق بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق جاكارلايمىز» دېيىلگەن.

قۇللۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا جەمئىيىتى 1839-يىل ئەنگىلىيە ۋە چەت ئەلدىكى قۇللۇققا قارشى تۇرۇش جەمئىيەتلىرى بىرلىشىپ قۇرغان خەلقئارالىق جەمئىيەت بولۇپ، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات ھېسابلىنىدىكەن. باش شىتابى ئەنگىلىيەگە جايلاشقان بۇ تەشكىلاتنىڭ ۋەزىپىسى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش، ئادەملەرنى ھەر خىل شەكىلدە قۇل قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، خورلاش جىنايەتلىرىنى توختىتىش ئىكەن.