خىتاي ھۆكۈمىتى قۇملۇقنى تىزگىنلەش «يېشىل بەلبېغى» قۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىگە تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن كېلىش مۇھىتى يارىتىشقا ئۇرۇنماقتا
2024.11.28
خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورى 28-نويابىر چىقارغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىغا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن «قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش توسۇقى» بەرپا قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3046 كىلومېتىرغا يەتكەن.
بۇ سۈرەتلىك خەۋەردە بېرىلگەن خەرىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، پۈتكۈل تەكلىماكان قۇملۇقىنى چۆرىدىگەن ئېكولوگىيەلىك قوغداش توسۇقى خوتەن كېرىيە ناھىيەسىدە تۇتاشتۇرۇلغان، توسۇقنىڭ كەڭلىكى 50 مېتىر ئەتراپىدا بولغان.
«تەڭرىتاغ تورى» 27-نويابىر تارقاتقان يەنە بىر سۈرەتلىك خەۋەردە، نىيە ناھىيەسىدە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 46 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا «قۇملۇق ئېكولوگىيەلىك توسۇقى» بەرپا قىلىنغانلىقى ۋە بەزى يەرلەرگە چىلان مايسىلىرى تىكىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
يۇقىرىقى خەۋەرلەردە، ئالدى بىلەن قۇمنى كولاپ، ئاندىن مايسا قويۇپ، ئۈستىگە توپا قويۇپ چىڭداش يولى بىلەن قۇملۇققا گۈل-گىياھ تىكىش ۋە پۈركۈپ سۇغۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى، تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئورىغان بۇ يېشىل توسۇقنىڭ «قۇملۇقنى تىزگىنلەپ، چۆلنى بوستان قىلىش» تىكى بۈيۈك قۇرۇلۇش ئىكەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان.
ياپونىيەدە تەبىئىي جۇغراپىيە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئالغان، ھازىر تۈركىيەدە ئىشلەۋاتقان دوكتور گۈلمىرە بەرداش خانىمنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، خىتاي ماختاپ كېلىۋاتقان قۇملۇقنى «يېشىللاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشى تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنى بۇزۇپ، قۇملۇق جايلاردىكى سۇنىڭ ئازىيىشى، تۇپراقنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1950-يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل سىياسىي ھەرىكەتلىرى ۋە بىڭتۈەننىڭ بوز يەر ئېچىش قۇرۇلۇشى داۋامىدا ئورمانلار ۋەيران قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، تۇپراقنىڭ چۆللىشىش كۆلىمى كېڭەيگەن. 1978-يىلىغا كەلگەندىلا خىتاي ئورماننى ئاسراشقا كۆڭۈل بۆلگەن. مەزكۇر خەۋەردىمۇ، خىتاينىڭ يېقىنقى 40 يىل ئىچىدە قۇملۇقنى تىزگىنلەش ئۈچۈن جەمئىي 70 مىليون مو ئورمانلىق بىنا قىلىپ، 2761 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا «يېشىل بەلباغ» قۇرۇپ چىققانلىقى، قالغان 285 كىلومېتىر دائىرىدە بولسا قۇملۇقنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋە كېڭىيىش خەتىرى چوڭ بولغان رايونلار بولۇپ قالغانلىقى، جەنۇبقا كېڭەيگەن تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ۋە نوپۇسنىڭ زىچلىشىشى بىلەن بۇ رايونلارنى تىزگىنلەشكە ئىمكانىيەت بولغانلىقى ۋە ئاخىرىدا ئېكولوگىيەلىك قوغداش توسۇقى بەرپا قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. بۇ توسۇق بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن خىتاينىڭ تەكلىماكاننى تىزگىنلەش، چۆلنى يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋاملىق كېڭەيتىلىپ، 2030-يىلىغا بارغاندا تىزگىنلەنگەن قۇملۇق كۆلىمى 35 مىليون مودىن ئاشۇرۇلىدىكەن.
«جەنۇبقا كېڭەيگەن تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ۋە نوپۇسنىڭ زىچلىشىشى» دېگەن بۇ جۈملىلەردىن، خىتاينىڭ بىڭتۈەننى جەنۇبتا كېڭەيتىش، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش سىياسىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى، تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن يۆتكەش ئۈچۈن، قۇملۇقنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.
تەتقىقاتچى دەررېن بايلېرنىڭ قارىشىچە، مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەتنىڭ مەقسىتى بەرپا قىلىش ئەمەس، بەلكى بۇزۇش؛ تەقدىم قىلىش ئەمەس، بەلكى ئېلىش. يەنى بايلىق بۇلاش. مۇستەملىكىچىلەر ھەر دائىم ئۆزى بېسىۋالغان زېمىندىن بايلىق ئىزدەيدۇ ۋە ئۆزىنى كۈچلەندۈرىدۇ. مۇستەملىكە قىلىنغۇچىلار، يەنى يەرلىك ئاھالىلەر بولسا بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسىنى كۆرەلمەيدۇ.